تۆتىنچىسى: (区块链 (qūkuàiliàn
بۇ سۆز «بىت تەڭگە» ساھەسىدىكى «Blockchains» ئۇقۇمىنىڭ خەنزۇچە ئۆزلەشمىسى بولۇپ، 2008 – يىلى 11 – ئايدا ساتوشى ناكامتۇ (Satoshi Nakamoto) ئاتلىق بىر كىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «بىت تەڭگە: نۇقتىلاشما ئىلنەخپۇل سىستېمىسى» (比特币:一种点对点的电子现金系统) ناملىق كىتاپتىكى «chain of blocks» ئۇقۇمى شۇنداق تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن شۇ پېتى ئومۇملاشقان. بۇ سۆزنى «بۆلەك، بۆلچە، پارچە، رايۇنچە» مەنىسىدىكى «区块» سۆزى بىلەن «زەنجىر، باغ/باغلاق، ئۇلاق، چېتىق» مەنىسىدىكى «链» خېتىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان.
بەيدۇ قامۇسىدا بۇ سۆزگە مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن: «بۇ ـــ جايلاشما سانچۇر (分布式数据) ساقلاش، نۇقتىلاشما يەتكۈزۈش (点对点传输)، ھەمپىكىرلىك مېخانىزىمى (共识机制)، مەخپىيلەتمە ھېساپ (加密算法) قاتارلىق كومپيۇتېر تېخنىكىلىرىدىكى يېڭىچە قوللىنىش شەكلى بولۇپ، ماھىيەتتە ئورتىسىزلاشتۇرۇلغان (去中心化) ساندان، شۇنداقلا بىت تەڭگىدىكى تۆۋەنقات تېخنىكا بولۇپ، ئىمشۇناسلىق (密码学) ئۇسۇللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىشىپ ھاسىل بولغان بىر قاتار ئۇچۇر بۆلىكىدۇر. ھەر بىر ئۇچۇر بۆلىكىدە بىت تەڭگە تور سودىسىغا ئائىت بىر تۈركۈم ئۇچۇر بولىدۇ، بۇ ئاشۇ ئۇچۇرنىڭ ئۈنۈمدارلىقى (ساختىسىزلىقى)نى ئىسپاتلاش ۋە كېيىنكى بۆلەك ھاسىللاشقا ئىشلىتىلىدۇ.»
بۇ سۆزنى ئۆز قۇرۇلمىسىدىن ئىپادىلەنگەن مەنە بويىچە، تۈز تەرجىمە بىلەن «بۆلەكلەر/بۆلچىلەر بېغى/چېتىقى» دەپ چۈشىنىش ئاساسىدا، باش بوغۇمىدىن قىسقارتىش قانۇنىيىتى بويىچە «بۆلباغ» ياكى «بۆلچات» قىسقارتىپ ئاتالغۇلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇ مۇشۇ سۆزنىڭ كېيىنكى تۈرلەنمىلىرىنى ئىپادىلەشتە تېخىمۇ مۇۋاپىق، ئۆز تىل ئىستېمالىمىز ئۈچۈنمۇ ئاسان ھەم قوللىنىشچان ئۇسۇلدۇر.
مىسال ئىبارىلەر:
公有区块链 ——— ئاممىۋىي بۆلباغ
行业区块链 ——— كەسىپ بۆلبېغى، بىرلەشمە بۆلباغ
私有区块链 ——— شەخسىي بۆلباغ
مىسال جۈملىلەر:
他给了我区块链原理最清晰最直观的解释。
ئۇ بۆلباغ پىرىنسىپى ھەققىدە ماڭا ئەڭ ئېنىق ھەم ئوچۇق چۈشەنچە بەردى.
区块链早已不是新生事物,但围绕区块链的研究、布局仍在浪潮之中。
بۆلباغ — خېلى بۇرۇنلا تونۇشلۇق بوپ بولغان، ئەمما ئۇ ھەقتىكى تەتقىقات ئورۇنلاشتۇرمىلار تېخىچە چوڭ داۋالغۇندا.
menbe: parchilar saloni