ئارقا كۆرنىشى
گەرچە دۆلىتىمىزدە نۇرغۇن تەجىربە سۇپىللىرى بولسىمۇ رايۇنىمىزدا يەنىلا قوللىنىشچان تەجىربە سۇپىسى يوق . مەسلەن مەن شاڭخەي بېرىپ كېسەل كۆرسەتمەكچى بولسام قايسى دوختۇرخاننى تاللاشنى ، قايسى بۈلۈمنىڭ نۇمۇرىنى ئېلىشىنى بىلمەيمەن . ناۋادا ماڭا ئىنتايىن تەپسىلى بولغان شاڭخەيدە كېسەل كۆرسىتىش كۆرسەتمىسى بولسا ھەمدە مەن كېسەللىك ئەھۋالمنى دېسەم ماڭا بۇ كۆرسەتمىنى چىقرىپ بىرەلىسە ماڭا بۇ ئەپ بەكلا قۇلايلىق بىلىنەتتى . بۇلۇپمۇ قەدەم باسقۇچقا بۈلۈنگەن بولسا . مەسلەن :
- تىلفۇنىمىز 去哪儿 ئەپنى ئېچىپ شاڭخەيگە بارىدىغان ئايرىپىلان بېلىتى ئالىمىز (رەسىم)
- xx دوختۇرخاننىڭ ئەپچىقىغا كىرىپ xx بۈلۈمدىكى xx دوختۇرنىڭ نۇمۇرىنى ئالىمىز . (رەسىم )
- بىلەت بۇيىنچە شاڭخەيگە بېرىپ ئايرىپلان ئىستانسىدىن xx مىتىروغا چىقىپ xx بىكەتتە چۈشىمىز (رەسىم )
- دوختورخاننىڭ xx ئىشكىدىن كىرىپ ، ئوڭ تەرەپتىكى بىنانىڭ xx قەۋىتى xx ئۆيگە كىرمىز . (رەسىم )
تەخمىنەن مۇشۇ خىل شەكلدە بولسا ماڭا نىسبەتەن بەكلا قۇلايلى ھەم ئەمىلي نەرسە بۇلاتتى . ھەم بۇ تەجىربىنى ماڭا ئوخشاش جىق ئادەملەر ئىشلىتەلىشى مۇمكىن . ئەلۋەتتە ھازىر ئالغان مىسالىم كىسەل كۆرسىتىش . بۇنىڭغا ئوخشاش چەكسىز تەجىربىلەر بار . مەسلەن ساياھەت ، خىزمەت تېپىش ، ئۆي ئىجارە ئېلىش ، سودا- سېتىق ، تۇرمۇش تەجىربىللرى .
ھەل قىلىش چارىسى
بىز بۈگۈنكى پاراڭدا بۇنى ئەپ شەكلىدە چىقارساق . ئاندىن بىر تۈركۈم ئاۋانگىراتلار تەجىربە يوللىسا بۇلاغا نۇمۇر بەرسەك . ئەندىن ئابۇنىت مۇشۇ تەجىربىنى كۆرگەندە نۇمۇرغا كۆرسە . كۆرگە نۇمۇر مۇشۇ تەجىربىنى قوشقان ئادەمگە كىرسە بولغىدەك دەپ بۇنى ئىشلىتىشكە قۇلايلى بىر ئەپ دېتالى قىلىپ چىقىشنى توغرا كۆردۇق . توپتىكى باشقا باللانىڭ تېخىمۇ ياخشى پىكرى بولسا داۋاملىق ئورتاقلاشساق بۇلىدۇ .
يېقىن كېلىدىغان سۇپىلا
AI+
ئەمدى بىز ئويلايمىز ھازىر سۈنئىي ئىداراك بۇنداق تەرەققىي قىلۋاتسا بىۋاستە سورسىلا بۇلىدىغۇ دەپ ، ھازىرقى شارائىتتا چوڭ تىل مودىلى ياخشى قىپ بۇلاممايدىغان ئىش بولسا يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە يېقىنقى ۋاقىتتىكى بىلىملەر . بىز مۇشۇ بىلەملەرنىڭ تورداشلا ئۆز ئارا تولۇقلاپ تېخىمۇ تەپسىلىي ، ئىشلىتىشچانلىقى يۇقرى بىلىمنى يىغالىساق ئاندىن بۇنى AI دىن پايدىلنىپ تۇرۇپ ئابۇنىتقا يەتكۈزەلىسەك يەنىلا قىممىتى بار ئىش بۇلىدۇ .
بۇ تۈردە AI ئىشلىتدىغا يەرلەر خېلى بار . مەسلەن :
- ئەپكە تەجىربە قوشقاندا ئابۇنىت كىرگۈزگەن مەزمۇننى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ بىرەلەيدۇ .
- ئابۇنىت سوئال سورغاندا سوئالنىڭ ئاساسلىق ماھىتىنى چۈشىنىپ بىزنىڭ تەجىربە ئامبىردىن ئەڭ ماس كېلىدىغننى تېپىپ بىرەلەيدۇ .
- ئاپتۇماتىكى تۈرگە ئايرىپ ماڭالايدۇ .
- ناۋادا ئابۇنىت سورغان سوئالغا تەجىربە تاپالمىسا بىزگە ئەڭ تىز قوشۇش تىگىشلىك تەرجىربىلەرنى يەكۈنلەپ بىرەلەيدۇ .
- ...
سودا ئەندىزىسى
ئۇيغۇرچە قىلغان ئەپنى ئاساسەن پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلمايمىز ، ھەممىز تۆھپە قوشىمز ، تۆھپە قوشقانلانىڭ تىزىملىكىنى چىقرىپ ماڭىمىز . ئاساسلىقى تېخنىكىدىن پايدىلنىپ تەجىربە يوللايدىغانلا بىلەن ئابۇنىتلا ئوتتسىدا بىر كۆرۈپ ياساپ بەرسەكلا بۇلىدۇ .
ئەلۋەتتە بۇ ئەپنىڭ خەنزۇچە نەشىرىمۇ بار . بۇ مەخسۇس ئىچكىدىكى شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلدىغانلاغا ساياھەت كۆرسەتمىسى چىقرىپ بىرمىز . ئاندىن ئۇيغۇرچە ئەپكە قاتناشقان باللار پۇل چىقىرشىپ ئىلان بىرىپ تەشۋېقى قىلمىز ۋە پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلىپ بۇ تۈرنى داۋاملىق ئېلىپ ماڭىمىز . تەپسىلى پىلاننى كىيىنكى قەدەمدە ئورتاقلاشساق بۇلىدۇ .
ھەمكارلىق
بۇ تۈر پۈتۈنلەي ئەركىن تۈر بۇلۇپ بۇ تۈردىن پۇل تېپىپ جان بېقىشنى مەقسەت قىلغانلا ۋاقتىنچە قاتناشماي تۇرسا بۇلىدۇ . ئاساسلىقى ئازرا ۋاقىت ئاجرىتالايدىغان ، مۇشۇ ئىشقا قاتنىشىپ ئىجتىمائىي ئۈنىمدىن قىممەت ھىس قىلالايدىغانلا قاتناشساڭلار بۇلىدۇ . كىيىنكى ئىچكىرگە قارتىلغان سودا تۈرىدا بىرلىكتە ئادىل قارار چىقرىپ ماڭدۇرالايدۇ دېگەن ئادەمنى تاللاپ تاپشۇرمىز . بۇنىڭدىمۇ پۈتۈنلەي ئەركىن بۇلىدۇ . قانچىلىك پۇل چىقارغان بولساق شۇنچىلىك پاي ئايرىلدۇ .
خىزمەتلەر
- ساندان قۇرۇلمىسىنى بىكتىش ۋە ئارقا سۇپا ئېچىش
- AI مۇناسىۋەتلىك ئېغىزلانى تەييار قىلىش
- ئالدى سۇپا كۆرۈنمە يۈزىنى بىكتىشى
- كۆرۈنمە يۈزىنى لاھىلەش
- ئەپ ئېچىش
- دەسلەپكى قەدەمدە دوۋيىندا ئىلان بىرىش
- تەجىربە قوشۇش
- تەجىربە قوشدىغانلانى يىتەكلەش
- ئەپنى بازارلاغا يوللاش
- ئىسىم بىكتىش
- logo لاھىلەش
قالغاننى ئاستىغا ئىنكاس يازساڭلا قەدەممۇ قەدەم ئەلالاشتۇرساق بۇلىدۇ .