poweroff بۇيرۇقى
poweroff بۇيرۇقى كومپيۇتېرنى تاقاش ۋە توكنى ئۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ھوقۇقى: سىستېما باشقۇرغۇچى.
گرامماتىكىسى
poweroff [-n] [-w] [-d] [-f] [-i] [-h]
پارامېتىر چۈشەندۈرۈلۈشى:
-n : تاقاشتىن بۇرۇن ئىچكى ساقلىغۇچ سانلىق مەلۇماتلىرىنى قاتتىق دىسكىغا يېزىش مەشغۇلاتىنى قىلماسلىق
-w : ھەقىقىي تاقىماستىن، پەقەت خاتىرىنى /var/log/wtmp ھۆججىتىگە يېزىش
-d : خاتىرىنى /var/log/wtmp ھۆججىتىگە يازماسلىق
-i : تاقاشتىن بۇرۇن بارلىق تور مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنى ئاۋۋال توختىتىش
-p : مەشغۇلات سىستېمىسىنى تاقاشتىن بۇرۇن سىستېمىدىكى بارلىق قاتتىق دېتاللارنى تەييارلىق ھالىتىگە تەڭشەش.
مىسال
سىستېمىنى تاقاش:
بۇيرۇق قۇرىغا مۇنداق يازىمىز
poweroff