جاۋاپ: بولىدۇ
ئەمما مۇلازىمىتىردىكى سىستېمىنىڭ ئىكرانىدىكى مەزمۇننى قانداق قىلىپ كومپىيۇتېرىڭىزدا كۆرسىتىشىڭىز كىرەك؟
بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋال كومپىيۇتېرىڭىزغا مەخسۇس كونتىرول قىلىدىغان دېتاللارنى قاچىلىغاندىن كىيىن Wayland ياكى X كېلىشىمى ئارقىلىق يىراقتىكى مۇلازىمىتىردىكى كۆۈنمە يۈزنى كومپىيۇتېرىڭىزدا كۆرسىڭىز بولىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش ئادەتتە بەك كۆپ ئۇچرىمايدۇ، ئەمما ئەلۋەتتە بۇنى قىلغىلى بولمايدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ،
ئەمما دىمەكچى بولغىنىم مۇلازىمىتىرغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئۈستەليۈزى مۇھىتى قاچىلاش ئەكىسچە سىزگە نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن،
كۆرۈنمە يۈز گەرچە قارىماققا قولايلىق بولغاندەك قىلغان بىلەن ئەمما سىز چوقۇم مائۇس بىلەن مەلۇم كونۇپكىلارنى چېكىش ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىشىڭىز كىرەك، بۇ مەلۇم بىر مەشغۇلات تاماملىنىش ئۈچۈن چوقۇم ئادەملىك مەشغۇلاتقا باغلىنىپ قالىدىغانلىقتىن دىرەك بېرىدۇ،
گەرچە لىنۇكىسنىڭ بۇيرۇقلىرى بىر ئاز ئۆگىنىش تەسراق بولسىمۇ ئەمما سىز ئۇلار بىلەن كۆرۈنمە يۈزدە قىلغان ھەر قانداق مەشغۇلاتلارنى تاماملىيالايسىز، ھەمدە بۇ بۇيرۇقلارنى sh ھۆججەت شەكلىدە يېزىپ بىر قاتار مەشغۇلاتلارنى ئاپتوماتلاشتۇرالايسىز، سىز بۇلارنى ئاپتوماتلاشتۇرغاندىن كىيىن كۆپ قەدەم باسقۇچلۇق تەكرار قىلىدىغان بەزى مەشغۇلاتلارنى ئاپتوماتلاشتۇرۇپ نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زىھنىڭىزنى تىجەپ قالاايسىز،
ئاخىرىدا كۆرۈنمە يۈزلۈك ھالەتتە ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ ئەمما شەخسەن مەن يەنىلا بۇيرۇقلىرىنى ئۆگىنىشڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن،
بۇيرۇقلىرى سىز دىگەندەك بەك مۇرەككەپ ياكى قىيىن بولۇپ كەتمەيدۇ، مەلۇم بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بىز بىرلىكتە ھەل قىلساق بولىدۇ.