نەچچە مىڭ يىللىق ئىنسانىيەت تارىخى تەرەققىياتىدا مەسىلەن 2000 يىل دىسەك ئالدىنقى 1700 يىلدىكى تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ يىغىندىسى كىيىنكى 300 يىلغا يەتمەيدۇ دەپ قارايمەن،
ئاشۇ 300 يىل ئىچىدىكى كىيىنكى 50 يىلدىكى تەرەققىياتلار ئالدىنقى 250 يىلدىن يۇقىرى دەپ قارايمەن، نېمىشقا؟
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ يېرىمى يەنى 1950. يىللىرىدا ھازىر مۇشۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقان تېلېفونىڭىز بارمىتى؟ نازۇك ھەمدە يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئۆزەكلەر بارمىتى؟
ياق، ئۇ ۋاقىتلار ئىنسانىيەت تىخى ئەمدىلەتىن كومپىيۇتېر ئاساسىدا بولىدىغان رەقەملىك دەۋىرنىڭ بوسۇغىسىغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىدى،
مانا بىز ھازىر ئىجىتىمائىي ئالاقە ئىچىدە ياشايمىز، مەسىلەن مەن قىز دوستۇم بىلەنمۇ توردا تونۇشقان، ھازىرقى ئىشلەۋاتقان شىركەت بىلەنمۇ تور ئارقىلىق ئالاقە قىلىپ ئاخىرىدا پروگراممىرىغا ئايلانغان،
پروگراممىرلىقنىمۇ توردىن ئۆگەنگەن، ئىنگىلىزتىلىنىمۇ شۇنداق...
دۇنيانىڭ ئۇ چىتىدىكى پەن-تېخنىكىلارنىمۇ تور ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقىنى ھىس قىلغان،
ھازىر تەرەققىيات سۈرئىتى نېمىشقا بۇنچە تىز؟
مەن ئويلايمەن، نىيوتۇننىڭ بىر گېپى بار، مەن ئىلگىرىكىلەرنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ ئىگىز بولغاندىن كىيىن تىخىمۇ يىراقنى كۆرەلىدىم.
ھاياتنىڭ ئۆزى بىر كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە ئوخشايدۇ،
بىز كىيىنكىلەر ئالدىنقىلارنىڭ يەكۈنلەپ قويغان تەجرىبە ساۋاقلىرىنى ئۆگىنىمىز دە ئۇلارنىڭ قولىدىن يۈگۈرۈش كالتىكىنى ئېلىپ بىر ئۆمۈر يۈگرەيمىز، ئاندىن ئۇنى ئەۋلادلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزىمىز،
ئالدىنقىلار بولغاچقىلا بىزنىڭ بۈگۈنىمىز بولدى، تارىختا ياشاپ ئۆتكەن ئالىملارغا قارايلى، ئۇلار بىزنىڭ بۈگۈنىمىز ئۈچۈن تىرىشتى، مەيلى ئۇلار قايسى دۆلەت، قايسى مىللەت، قايسى رايۇندىن بولسۇن قانداق تىلدا سۆزلىسۇن ئۇلار ئوخشاشلا بىز ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك، (ئۆيۈم بولغاندا مەن چوقۇم مەن بىلىدىغان ھەممە ئالىملارنىڭ سۈرىتىنى ئۆينىڭ تاملىرىغا ئېسىپ قويىمەن، ئۇلارنى بالىلىرىم كۆرۈپ چوڭ بولىدۇ.)
نېمىشقا بالىلىق بولىسىز؟ نېمىشقا ئۇلارنى تەربىيەلەيسىز؟ بۇلارنىڭ ئەھمىيىتى نەدە؟ (مەن پەلسەپە سۆزلىمەكچى ئەمەس، قەسەم قىلاي)
مەسىلەن مەن دىڭىزدا ياشايدىغان سەككىز ئاياق توغرۇلۇق يازمىلارنى مەخسۇس ئىزدەپ كۆرگەن، مەن بۇ جانلىققا ئالاھىدە قىززىقىمەن،
چۈنكى بۇ ئالاھىدە بىر جانلىق، ئۇنىڭ قارىماققا تاشقى پىلانىت مەخلۇقىدەك تۇرۇقىغا سورۇقسىنىپ قارىماڭ، بۇ ئوماق مەخلۇق كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئۆگىنىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە،
ئۇلارنى بوتۇلكىغا سېلىپ قويسىڭىز ئىغىزىنى بۇراپ ئېچىپ قاچالايدۇ، مۇرەككەپ شەكىل، رەڭ قاتارلىقلارنى پەرىق ئېتىپ ئەستە ساقلىيالايدۇ، ئەڭ مۇھىمى نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن تەجرىبە توپلاپ كىيىنكى قىتىملىق ھەرىكىتىگە ئاساس سالالايدۇ،
بۇ ھەقىقەتەن بەك قالتىس،
بەزىلەر مۇنداق دىگەن: >>ئەگەردە سەككىز ئاياققا يىتەرلىك ۋاقىت بېرىلسە بەلكىم ئۇلار يەر شارىنىڭ خوجىسى بولار ئىدى...<<
ئۇنداقتا زادى قانداق نەرسە ئۇلارنى يەر شارىنىڭ خوجىسى بولۇشقا توسقۇنلۇق قىلدى؟
- ئۇلار پەقەت 3 يىل ئەتراپىدىلا ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ، ھەم ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ئۆزى بىر ئۆمۈر توپلىغان تەجرىبىلەرنى ئەۋلادلىرىغا يەتكۈزەلمەيدۇ، يەنى بالىلىرى تۇخۇمدىن چىقىشقا ئازلا قالغاندا ئۆزىنى ھالاك قىلىش خارەكتىرلىك ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ،
شۇنىڭ بىلەن يېڭى چىققان بالىلىرى ئاپىسىغا ئوخشاشلا يەنە قايتىدىن 0 دىن باشلاپ تەجرىبە توپلىشى كىرەك...
ئاڭلىماققا بەك ئەپسۇسلىنارلىق شۇنداقمۇ؟
توغرا، ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق...
شۇڭا ئەگەردە سىز بىزدىن چوڭ، بىزدىن كۆپ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن ياكى تەجرىبىلىك بىر پروگراممىر بولسىڭىز مەن ۋە باشقا ھەر بىرىمىز سىزنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىڭىزگە، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىزگە ۋە يول كۆرسىتىشىڭىزگە مۇھتاج،
ھەتتاكى ياكى بەلكىم مۇشۇ يازمىنى كۆرگەن سىز مېنىڭ باشلىقىم بولىشىڭىز مۇمكىن، ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ؟ مېنىڭ سىزدىن ئۆگىنىدىغان نەرسىلىرىم كۆپ تىخى...
مەيلى سىز كىم بولۇڭ، قەيەردە بولۇڭ، نىمە ئىشلارنى قىلىڭ...
بىز كىيىنكىلەر سىزگە مۇھتاج،
مەسىلەن ئاستىدىكى ئىنكاس رايونىدىكى خېتىڭىز بولسىمۇ مەيلى...