git init
git clone
git add
git commitgi
git push
git log
git pull
git status
git show
git diff
git branch
git remote -v
git remote add origin
git remote remove origin
git stash
git fetch
git init
يېڭى تۈرگە git نى قوشۇش بۇيرۇقى
git remote add origin [git url]
بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق تۈرگە git ئامبىرىنىڭ ئادرىسىنى قوشىمىز.
git remote -v
بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق git ئامبىرىنىڭ ئادرىسىنى كۆرۈمىز، ئۈستىدە قوشقان ئادرىس چىقىدۇ.
git remote remove origin
بۇ بۇيرۇق ئارقلىق تۈردىكى git ئامبىرىنىڭ ئادرىسىنى يۇيىمىز. يەنى ئەگەر ئۈستىدە خاتا قوشۇپ قالساق ياكى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلسە ئىشلەتسەك بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئادەتتە يېڭى تۈرنى باشلىغاندا 1،2،3 باسقۇچنى تاماملىساقلا بولىدۇ
git clone [git url]
تۈرنى كىلونلاش بۇيرىقى. ئەگەر بىز يېڭى تۈرگە git ئادرىسى قوشماستىن، ئاۋال git ئامبىرى قۇرۇۋېلىپ ياكى باشقىلارنى ئامبىرىدىن كىلونلاپ ئىشلەتمەكچى بولساق مۇشۇ بۇيرۇقنى ئىشلىتىمىز.
git status
تۈرنىڭ ھالىتىنى كۆرۈش بۇيرىقى. بىز كود يېزىپ بىرە ئىقتىدارنى تاماملىغاندىن كىيىن كودنى git ئامبىرىغا يوللىغاندا ئاۋال ئۆزگىرىشلەرگە بىر قارىۋىتىمىز.
git add [.]
git add [.]
ئۆزگەرتىشلەرنى قوشۇش بۇيرىقى. يەنى بىز مەلۇم ھۆججەت ياكى بىر قانچە ھۆججەتنى ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كىيىن ئاۋال قوشىۋىتىپ ئاندىن git ئامبىرىغا يوللايمىز. چىكىت ئارقىلىق ھەممە ئۆزگەرگەن ھۆججەتنى بىراقلا قوشساق ياكى ھۆججەتنىڭ ئىسىمىنى يېزىپ مەلۇم بىر ھۆججەتنى قوشساق بولىدۇ.
git commit -m "comment content"
git commit
ئۆزگەرتىشكە ئىزاھات يېزىش، يەنى مەلۇم بىر ئىقتىدارنى قوشتۇم ياكى مەسىلىنى ئوڭشىدىم دىگەندەك...
git push [origin] [master]
git push origin master
كودنى git ئامبىرىغا يوللاش بۇيرۇقى. ئۈستىدە دىيىلگەندەك ئۆزگەرتىشلەرنى git ئامبىرىغا يوللىغاندا ئىشلىتىمىز. origin بىلەن master بەلكىم ئالمىشىدۇ. بۇ ھەقتە كىيىن توختىلىمىز.
ئەسكەرتىش: بىز ئۈستىدە بىر تۈرنى يېڭىدىن قۇرۇپ ياكى كىلونلىغاندىن كىيىنكى ئۆزگەرتىپ يەنە يوللاشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ بولدۇق
git show
- بىز
git status
ئارقىلىق ئۆزگەرتىلگەن ھۆججەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى كۆرىمىز، git show
نى ئىشلىتىپ تەپسىلى ئۆزگىرىشنى كۆرەلەيمىز.
git diff
git diff
ئۆزگەرتىشنى سېلىشتۇرما ھالەتتە كۆرۈش، سۈكۈتتە تېخى ساقلاش رايونىغا قوشۇلمىغان ئۆزگەرتىشلەرنى كۆرسىتىدۇ.
git branch
git branch
شاخچىلار تىزىملىكىنى كۆرسىتىدۇ، git branch [test]
يېڭى شاخچا قۇرۇش. يەنى ئىككى ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ئۆزگەرتىش قىلغاندا ئايرىم شاخچا قۇرۇپ ئىشلەتسەك توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز.
داۋامى بار...