يىللارنىڭ ئۈتۈشى بىلەن كومپيۇتېرنىڭ مۇناسىۋەتلىك قاتتىق، يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئۇچقانداق تەرەققى قىلىشى ئارقىسىدا قاتتىق دېتال سەپلىمىسى نۆۋەتتىكى يىڭى مەشخۇلات سېستىمىلىرى ۋە يۇمشاق دېتاللارنى ئىجرا قىلىشقا يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بىر قىسىم كومپيۇتېرلار ئاستا-ئاستا شاللىنىپ ، مەيلى ئائىلىدە ياكى ئىش ئورنىمىزدا بولسۇن بىر قىسىم تاشلاندۇق كومپيۇتېرلار پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى . بۇ خىلدىكى كومپيۇتېرلارنىڭ زور كۈپىنچىسىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسى نۆۋەتتىكى تەرەققىياتقا يىتىشەلمىگەندىن سىرت باشقا كەمچىلىكلىرى يوق دىيەرلىك بۇلۇپ ، ناۋادا مۇۋاپىق پايدىلىنىلسا تاشلاندۇق بۇ كومپيۇتېرلارنى گۈھەرگە ئايلاندۇرغىلى بۇلىدۇ . كەسىپداشلارنىڭ قايتا – قايتا ئۈندىشى بىلەن تاشلاندۇق كومپيۇتېرلاردىن پايدىلىنىش توغرىسىدا بىر قانچە پارچە ماقالە يېزىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش قارارىغا كەلدىم . بۇ ماقالەم شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى.
رۇتېر (يول باشلىغۇچ ) ئاتالغۇسى مىنىڭچە كۆپچىلىككە ناتۇنۇش ئەمەس ، بۇلۇپمۇ تور تەرەققىياتىنىڭ تىزلىشىشىگە ئەگىشىپ ھەممەيلەن دىگۈدەك توردىن ئايرىلالمايدىغان ھالەتكە كەلدى . تورلاشقانلىكى ئۇرۇنلارنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك تورغا ئالاقىدار ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن بۇلۇپ ، بارلىق تورنىڭ مەركىزى نۇقتىسى ھىساپلىنىدىغان رۇتېر ھەممەيلەنگە تۇنۇش تور ئۈسكۈنىسىگە ئايلاندى ، بۈگۈنكى كۈندە ئائىلىدە ياكى خىزمەت ئورنىمىزدا مەيلى سىملىق ياكى سىمسىز رۇتېر بولسۇن ھەممە يەردە ئۇچرىتىش مۇمكىن .
رۇتېر ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى تۈۋەنلىكىگە ۋە ئىشلىتىش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن نۇرغۇن تۈرلەرگە بۈلىنىدۇ ،شۇنىڭغا يارىشا باھاسىمۇ پەرىقلىنىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە كونكىرت ئىشلىتىش ئورنى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان مەقسەتكە ئاساسەن تاللاپ سېتېۋالىمىز. يىقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەتنىڭ تور بىخەتەرلىكىگە زور دەرىجىدە كۈچ چىقىرىشى ۋە كۈڭۈل بۈلىشىگە ئەگىشىپ ، تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەممەيلەننىڭ كۈڭۈل بۈلىدىغان مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى . نۇرغۇن ئىدارە ، كەسپى ئۇرۇنلارنىڭ ، مەكتەپلەرنىڭ تورنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى كۈچەيگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇمۇميۈزلۈك باشقۇرۇپ نازارەت قىلىش يەنىلا باش ئاغرىتىدىغان مەسىلە بۇلۇپ ، ئادەتتىكى رۇتېرلارنىڭ توردىن ئورتاق پايدىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن باشقا قۇشۇمچە ئىقتىدارلارلىرى يوق دىيەرلىك . تورنى ئۇمۇميۈزلۈك باشقۇرۇپ نازارەت قىلىشقا توغرا كەلسە كۈپىنچە كەسپى رۇتېرلارغا ھاجىتىمىز چۈشىدۇ . لېكىن كەسپى رۇتېرلارنىڭ باھاسى قىممەت بۇلۇپ (نەچچە مىڭ يۈەندىن نەچچە ئون مىڭ يۈەنگىچە ) ، نۇرغۇن ئۇرۇنلارنىڭ سېتېۋالالىشى تەس . تۈۋەندە مەن تاشلاندۇق كومپيۇتېرنى قانداق قىلىپ نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك كەسپى رۇتېرغا ئايلاندۇرۇشنى سۆزلەپ ئۈتىمەن .
- كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسگە ئالاھىدە تەلەپ يوق بۇلۇپ ، نورمال قوزغىلالايدىغان (مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى 1گىگاگىرتېس دىن يۇقىرى ، ئىچكى ساقلىغۇچ 1 گىگابايتتىن يۇقىرى ، قاتتىق دىسكا سىغىمى 80 گىگابايتتىن يۇقىرى،) كومپيۇتېر بولسىلا بۇلىدۇ ، ئاددى قىلىپ ئېيتسام window XP قاچىلىسا قوزغىلالايدىغان كومپيۇتېر بولسىلا بولدى ، ئەلۋەتتە سەپلىمىسى يۇقىرىراق بولسا تېخې ياخشى .
- كومپيۇتېردا ئەسلىدە ئانا تاختىغا توپلاشتۇرۇلغان بىردانە تور كارتىسى بار بولغان بۇلىدۇ ، بىز يەنە بىردانە تور كارتىسى تېپېپ سەپلەيمىز ، شۇنىڭ بىلەن قاتتىق دىتال تەييارلىقى پۈتكەن ھىساپلىنىدۇ.تۈۋەندىكى ئادرېستىن https://www.ikuai8.com/ مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتاللارنى تېپېپ چۈشۈرىمىز ، بۇلارنىڭ ئىچىدە قاچىلىماق ئەڭ ئاسان بولغىنى GHOST 安装包 بۇلۇپ ، WINPE ئارقىلىق كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ GHOST ھۆججىتىنى يىشىپ ، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتساقلا ئىش تامام ، GHOST ھۆججىتىنى يىشىپ قاچىلاشنى بىلەلمىسىڭىز يۇقاردىكى تور بەت ئادرېسىدا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلىك دەرسلىكلىرى بار ، شۇلارنى تەپسىلى كۈرۈپ شۇ بۇيىچە مەشخۇلات ئېلېپ بارساق بۇلىدۇ . (رۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى بىر قەدەر كۆپ بۇلۇپ ، يۇقاردىكى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ، ئىقتىدارى كۆپ ، مۇقىم شۇڭا مۇشۇنى مىسال قىلىپ چۈشەندۈردۈم . ) شۇنىڭ بىلەن يۇمشاق دېتال تەييارلىقى پۈتكەن بۇلىدۇ .
- يۇمشاق دېتال نورمال قاچىلىنىپ كومپيۇتېر قايتا قوزغالغاندىن كىيىن ، بىر قاتار يۇمشاق دېتاللارنى قوزغىتىپ بۇلۇپ ، تۈۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئىكران ھالىتىگە كىلىپ توختايدۇ .
يۇمشاق دېتالنىڭ سۈكۈتتىكى قىممەت ھالىتىدە ئادەتتە رۇتېرنىڭ باشقۇرۇش ئېغىزى (LAN ئېغىزى) ئانا توك يول تاختىسىدىكى توپلاشتۇرۇلغان تور كارتىسىغا باغلىندىغان بۇلۇپ ، سۈكۈتتىكى باشقۇرۇش ئادرېسى 192.168.1.1 . ناۋادا كىيىن سەپلىگەن تور كارتىسىغا باغلاش زۈرۈيىتى بولسا ياكى باشقۇرۇش ئادرېسىنى باشقا ئادرېسقا ئۆزگەرتمەكچى بولساق تاللاش تىزىملىكىدىن تاللاپ ئۆزگەرتسەك بۇلىدۇ .
- باشقۇرۇش تور ئېغىزىغا ئۇلانغان تور سىمىنى تور ئالماشتۇرغۇچقا چېتېپ ، مۇشۇ تور ئالماشتۇرغۇچقا چېتېلغان يەنە بىر كومپيۇتېرنىڭ IP ئادرېسىنى ئوخشاش بىر تور بۈلۈكىگە (مەسىلەن : 192.168.1.5)ئۆزگەرتكەندىن كىيىن ، خالىغان بىر تور كۆرگۈچنى ئېچېپ ، رۇتېرنىڭ باشقۇرۇش بېتېگە كىرىمىز . (تۈۋەندىكى رەسىمگە قارالسۇن )
باشقۇرغۇچى نامى ۋە پارول ئوخشاشلا Admin بۇلۇپ ، كىرگۈزگەندىن كىيىن رۇتېرنىڭ باشقۇرۇش بېتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تۈرلىرى ئېچېلىدۇ .
(تۈۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ )
دىمەك رۇتېرنى ياساش مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى دىگەن گەپ ، رۇتېرنىڭ ئىچىدىكى كونكېرتنى تەڭشەش تۈرلىرىنى ئۈزىمىزنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن تەڭشىۋالساق بۇلىدۇ . ئالايلۇق : تورغا ئۇلانغان كومپيۇتېرلانىڭ توربەتنى زىيارەت قىلىش ئەھۋالىنى خاتېرلەش ، پاراڭلىشىش يۇمشاق دېتاللىرىنى نازارەت قىلىش ، قانۇنسىز مەزمۇندىكى توربەتلەرنى چەكلەش ، ناچار ئۇچۇرلارنى سۈزىۋېتېش ، ۋىروسقا قارشى ئوتتام ۋە ھاكازالار .
- كەسپى رۇتېر بۇلۇش سۈپىتى بىلەن تەڭشەپ ئىشلىتدىغان تۈرلەر ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ ، نۇرغۇن كەسپى ئاتالغۇلار بىرقەدەر يۇقىرى تور كەسپى بىلىمى بۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . يۇمشاق دېتالنىڭ ئىگە تەرەپ تور بىكىتى ۋە مۇنبەرلىرىدە بۇ توغرىسىدا نۇرغۇن قىممەتلىك بىلىملەر ۋە سۈرەتلىك دەرسلىكلەر بار بۇلۇپ ، يۇلۇققان مەسىلىلەرگە قارىتا ئەستايىدىل ۋە سەۋېرچان بولساقلا ھەل قىلىپ كىتەلەيمىز .
- يۇقارقىلاردىن باشقا كەسپى رۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىدىن TG-NET、ROS、流控大师、海蜘蛛 OpenWRT DDWRT قاتارلىق نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللار بار ، ئەگەر ئۈگۈنۈش نىيىتىدە قىزىققۇچىلار بولسا ئەمىلى كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئۈگەنگەندىن سېرت ، كومپيۇتېرغا مەۋھۇم كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى قاچىلاپ (ئالايلۇق Vmware VirtualBox) شۇلار ئارقىلىقمۇ سىناش ۋە ئۈگىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بۇلىدۇ . كەسىپداشلارنىڭ ئىچىدە بۇ جەھەتتە ياردەمگە ئىھتىياجلىق بولسا ، ھەرۋاقت ياردەم بىلەن تەمىنلەشكە تەييارمەن