Python يازمىلىرى يېزىلىپ شىرخان سالونىدا تارقىلپ ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ كىلىۋاتىدۇ. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئەلگەك سۇپىسىدا Python يازمىللىرى داۋاملىنىپ تۇرىدۇ.
مەنبە : ShirKhan سالونى
Python تىلى ھەققىدە
ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۇچۇر تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ دەۋردە كومپيۇتېردىن ئىبارەت بۇ ۋاقىت بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە كەشپىياتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھەر ساھە ھەر كەسىپتىكىلەرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەلىپىگە ئايلاندى.
كۆپىنچىمىز كومپيۇتېرنىڭمۇ تىلى بارلىقىنى بىلىمىز ياكى كومپيۇتېر تىلىنى ئۆگەنگەن بولىشىمىز مۇمكىن. كۈندىلىك تۇرمۇش خىزمەتلىرىمىزدىكى نۇرغۇن ئەمەلىي مىساللار كومپيۇتېر نۇقتىسىدىن تۇرۇپ تەپەككۇر قىلغاندا تولىمۇ ئاددى ،تولىمۇ ئاسان بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر كومپيۇتېرغا شۇ مەسىلىنى يېشىشنى ئېيتىپ بىرەلىسەك كومپيۇتېر ئىنتايىن تىزسۈرئەتتە مەسىلىلەرنى يېشىپ بىرەلەيدۇدە بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن ۋاقىتمىز تىجىلىپ قالىدۇ.
كومپيۇتېر تىلىنى بىلىش ئەلۋەتتە بىرخىل ھۈنەر، دىمەك بىز بۇنىڭغا باشقا ھۈنەرلەرگە ئوخشاش پوزىتسىيەدە بولۇشىمىز ئاقىلانىلىك ھېساپلىنىدۇ. مەيلى بىز بۇ ھۈنەرنى باش كەسىپ سۈپىتىدە ئۆگىنەيلى ياكى قوشۇمچە كەسىپ سۈپىتىدە ئۆگىنەيلى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن كومپيۇتېر تىلىنى بىلىش مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا زۆرۈرىيەت بولۇپ قالدى. بىز كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇشۇ ئېھتىاجىنى كۆزدە تۇتۇپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كومپيۇتېر پىروگرامما تىلى ئۆگىنىشىگە ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن ھەمدە شىرخان سالونىنىڭ يېقىندىن قوللىشى ئاستىدا، كومپيۇتېر تىللىرىنىڭ بىرى بولغان Python پىروگرامما تىلىنى يازما دەرسلىك سۈپىتىدە تارقىتىش پىلانلاندى.
نامى: Python پىروگىرامما لايىھەلەش تىلى
قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى: Python تىلى
ئوقۇلۇشى: [ˈpaɪθɑːn] پايسون،پايزون،پايسېن…
بارلىققا كەلگەن ۋاقتى: 1991-يىلى
تۈرى: ئالىي دەرىجىلىك كومپيۇتېر پىروگرامما تىلى
ئىجادتچىسى: گوللاندىيەلىك Guido van Rossum
نامىنىڭ مەنىسى: Python ئىنىگلىزچە سۆز بولۇپ مەنىسى "بوغما يىلان"
ئورگان تورى: www.python.org
سىنبەلگىسى: بىر-بىرىگە كىرىشكەن ئىككى يىلان
تۆۋەندە بىز Python قىسقىچە تارىخى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى
Python ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 90-يىللارنىڭ بېشىدا گوللاندىيە دۆلەتلىك ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر ئىلمى ئىنستىتۇتىدا گۇيدو ۋان روسسام تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن. Python نىڭ ئۆزى يەنە ABC ، Modula-3 ، C ، C ++ ، Algol-68 ، SmallTalk ، Unix لارنىڭ رامكىسى ۋە باشقا ئورگىنال تىلى قاتارلىق نۇرغۇن تىللار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان.
Python تىلىنىڭ مەنبە كودى يەنە GPL (GNU ئورتاق ئاممىۋى ئىجازەتنامە) كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىدۇ، يەنى پۈتۈنلەي ئوچۇق كودلۇق تىل، Python ھازىر يادرولۇق تەرەققىيات ئاچقۇچىلار گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ئۇنىڭ باش ئىجادتچىسى گۇيدو ۋان روسۇم يەنىلا ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.
نەشىرى:
2000-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى Python نىڭ 2.0 نەشىرى تارقىتىلدى.
Python 2.7 ئەڭ ئاخىرقى Python 2.x نەشرى دەپ بېكىتىلدى ، Python2.x گرامماتىكىسىنى قوللىغاندىن باشقا ، ئۇ يەنەPython 3.1گرامماتىكىسىنىڭ بىر قىسمىنى قوللىدى.
2008-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى Python3.0 ئېلان قىلىندى. بۇ نەشرى ئىلگىرىكى Python مەنبە كودىغا پۈتۈنلەي ماس كەلمەيدۇ. لىكىن نۇرغۇن يېڭى ئىقتىدارلار كېيىن كونا Python2.6 / 2.7 نەشرىگە يۆتكەلدى، كونا پىروگىراممېرلانىڭ ئۇسلۇبلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. Python نىڭ ئىلگىرىكى نەشرىگە سېلىشتۇرغاندا بۇ بىر چوڭ يېڭىلاش ھېساپلىنىدۇ. يەنە كىلىپ 3.0 نەشىرىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي يۇنىكودنى قوللاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
Python3.1/ 3.2/ 3.3/ 3.4/ 3.5/ 3.6/ 3.7/ 3.8/ 3.9 نەشىرلىرى ئايرىم ئايرىم 2009-يىلى، 2011-يىلى، 2012-يىلى، 2014-يىلى، 2015-يىلى، 2016-يىلى، 2018-يىلى، 2019-يىلى، 2020- يىلى تارقىتىلدى.
ئەڭ يېڭى نەشىرى بولسا 2020-يىلى 5-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان Python 3.9.0 نەشىرىدۇر.
Python تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى
Python ئاددىيلىق ئىدىيىسىگە ۋە كىللىك قىلىدىغان تىل. ياخشى Python پروگراممىسىنى ئوقۇش ئۈچۈن گەرچە ئىنگلىزچە تەلەپلەر ئىنتايىن قاتتىق بولسىمۇ ، ئىنگلىزچە ئوقۇغاندەك ھېس قىلىدۇ! Python نىڭ ساختا كود خاراكتېرى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكىنىڭ بىرى. ئۇ سىزنى تىلنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشنىڭ ئورنىغا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.
Python نى ئۆگىنىش باشقا پىروگرامما تىللىرىغا قارىغاندا ناھايىتى ئاسان. Python نىڭ ئىنتايىن ئاددىي گرامماتىكىسى بار بولۇپ، نۇرغۇن تۆۋەن قاتلامدىكى مەسىلىلەرنى پىروگراممېرنىڭ قول سېلىپ ھەل قىلىشى پۈتۈنلەي ھاجەتسىز، بۇ يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن غايەت زور قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ.
Python ھەقسىز/ ئوچۇق كود يۇمشاق دېتالى نىڭ بىرى. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ، سىز بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ھەقسىز تارقىتالايسىز ، ئۇنىڭ ئەسلى كودىنى ئوقۇيالايسىز ، ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارالايسىز ۋە ئۇنىڭ بىر قىسمىنى يېڭى ھەقسىز يۇمشاق دېتاللاردا ئىشلىتەلەيسىز.
بۇ Python نىڭ شۇنچە ياخشى بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ، ئۇ تېخىمۇ ياخشى Python نى كۆرۈشنى خالايدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ۋە توختىماي ياخشىلانماقتا، ھەتتا سىزمۇ ئۇنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن تۆھپىڭىزنى قوشالايسىز.
Python دا پروگرامما يازغاندا ، پروگراممىڭىزدا ئىشلىتىلگەن ئىچكى ساقلىغۇچنى قانداق باشقۇرۇش قاتارلىق تۆۋەن دەرىجىلىك تەپسىلاتلارنى ئويلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك - ئوچۇق مەنبەلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ، Python نۇرغۇن سۇپىلارغا يۆتكىلەلەيدۇ (ئوخشىمىغان سۇپىلاردا ئىشلەش ئۈچۈن تولىمۇ قۇلايلىق). ئەگەر سىستېمىغا تايىنىدىغان يۇمشاق دىتال ئېچىش تەلەپ قىلىنمىغاندا، قىسقىسى پىروگراممىز ئىقتىدار روللىرى سىستېما خاسلىقىغا تايانمىغاندا، بارلىق Python پروگراممىلىرىڭىز تۆۋەندىكى سۇپىلارنىڭ خالىغان بىرىدە ئۆزگەرتمەي ئىجرا قىلالايدۇ.
بۇ نۇقتا بەزى چۈشەندۈرۈشلەرگە موھتاج. س ياكى س پىلوس پىلوس تىللىرىدا، ئەسلى كود كومپيۇتېر ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان ئىككىلىك كود ئەپ ھۆججىتىگە ئايلاندۇرىدۇ، بۇ جەريان تۈزگۈچى (تەرجىمىتېرمىكى) ۋە ئوخشىمىغان بەلگە ۋە تاللاشلار تەرىپىدىن تاماملىنىدۇ. پروگراممىڭىزنى ئىجرا قىلسىڭىز ، ئۇلىغۇچ / قايتا يۈكلەش يۇمشاق دېتاللىرى پروگراممىڭىزنى قاتتىق دىسكىدىن ئىچكى ساقلىغۇچقا كۆچۈرۈپ ئىجرا قىلىدۇ، بۇجەرياندا ئەسلى كودتا خاتالىق سادىر بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ.
ئەمما Python تىلىدا يېزىلغان پروگراممىلارنى ئىككىلىك كودقا تۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق. پروگراممىنى ئەسلى كودتىن بىۋاسىتە ئىجرا قىلالايسىز. كومپيۇتېرنىڭ ئىچىدە Python تەرجىمانى ئەسلى كودنى بايتكود دەپ ئاتىلىدىغان ئارىلىق شەكىلگە ئايلاندۇرىدۇ، ئاندىن ئۇنى كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان ماشىنا تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئىجرا قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى Python نى ئىشلىتىشنى ۋە قوللىنىشنى باشقىغا قارىغاندا ئاسانلاشتۇرىدۇ. يەنە كىلىپ بۇ تىلدا ئىنتېرئاكتىپ(بىرمۇ بىر بۇيرۇق ھالەتتە كود يېزىش)نى قوللايدۇ.
Python ھەم جەريانغا يۈزلەنگەن پروگرامما تۈزۈشنى ھەم ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پروگرامما تۈزۈشنى قوللايدۇ. « جەريانغا يۈزلەنگەن» تىللاردا ، پروگراممىلار پەقەت قايتا ئىشلىتىشكە بولىدىغان پروگرامما ياكى ئىقتىدارلاردىن ياسالغان. «ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن» تىلدا پروگرامما سانلىق مەلۇمات ۋە ئىقتىداردىن تەركىب تاپقان ئوبيېكتتىن ياسالغان.
C پلۇس پىلۇس ۋە Java قاتارلىق باشقا ئاساسلىق تىللارغا سېلىشتۇرغاندا ، Python ناھايىتى كۈچلۈك ۋە ئاددىي ئۇسۇلدا ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پروگرامما تۈزۈشنى قوللايدۇ. بۇ تىلدا بارلىق فۇنكىسىيە، سانلىق مەلۇمات قۇرۇلمىسى، سانلىق تىپ، ھەرپ تىزىقى،بولاق... قاتارلىقلار ھەممىسى ئوبيېكىت ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئوبيېكىتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما تىلى ئۈچۈن غايەت زور قۇلايلىقنى يارىتىدۇ.
Python ئۆلچەملىك بولاقلىرى ھەقىقەتەن چوڭ. ئۇ دائىملىق ئىپادىلەش ، ھۆججەت ھاسىل قىلىش، بىرلىك سىنىقى، تېما، ساندان،توركۆرگۈچ، ئېلېكترونلۇق خەت، پارول سىستېمىسى دىگەندەك ھەر خىل ساھەدىكى ۋەزىپىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، Python نى قاچىلىسىڭىزلا بۇ ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇ دەل Python نىڭ «تولۇق ئىقتىدارلىق» پەلسەپىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆلچەملىك بولاقلاردىن باشقا ، يەنە نۇرغۇنلىغان يۇقىرى سۈپەتلىك ئۈچىنچى تەرەپ بولاقلىرىمۇ بار بولۇپ، بۇلارنى قاچىلاش ئىشلىتىش تولىمۇ قۇلايلىق.
Python تىلىنىڭ بىرقانچە يىتەرسىزلىكلىرى:
1.Python ئادەتتە كۆچمە قوللىنىشچان(Mobile Application) پروگراممىللىرىنى ئېچىشقا دىگەندەك مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.
2.Python پروگراممېرلىرى باشقا تىللارنى ئىشلىتىشتە قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت تۇنجى بولۇپ Python تىلىنى ئۆگەنگەندىن كىيىن ،Python پىروگىراممېرچىلار باشقا تىلنى ئۆگىنىش خۇش ياقماس بوپ قاپتۇدەك.
3.Python نىڭ ئىچكى ساقلىغۇچ سەرپىياتى يۇقىرى.
4.Python is not used commonly in the Enterprise Development Sector
5.Python ئىجرا بولۇش(يۈرۈش)سۈرئىتى ئاستا. بۇ يەردە دىيىلگەن ئاستا دەل يۇقرى تىزلىك تەلەپ قىلىنىدىغان چوڭ تۈرلەردە يۈرۈش سۈرئىتى ئاستا دىمەكچى. قانداقتۇر بىر تال "سالام دۇنيا" ناملىق كودنىڭ يۈرىشى ئاستا دىمەكچى ئەمەس.
يىڭى ئۆگەنگۈچىلەر ياكى كىچىك دائىرىدىكى كودلارنى يازغۇچىلار ئۈچۈن Python نىڭ ئىجرا سۈرئىتىنى ئاستا دىيىشنىڭ ئورنى يوق، ئەگەر ئاستا دىيىلسە كودتا يېزىلغان ھېساپلاش ئۇسۇلىنىڭ مۇۋاپپىق بولمىغانلىقىدىن بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن يۇقرىدا بىز تىل ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇق، كىيىنكى مەزمۇنلاردا بىز بۇ تىل بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقىمىز.
يازمىدا: ئابدۇسالام
تەييارلىغۇچى: ئابدۇسالام
مەنبە: شىرخان سالونى
مەزكۇر يازما ۋە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تارقىتىشقا بولىدۇ. مەزكۇر مەزمۇنلار ھەقسىز، باشقىلارنىڭ ئۆز نامىدا سودا خارەكتېرىدە ئىشلىتىشى ۋە تارقىتىشىغا بولمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.