يېڭى نېشان، يېڭى قىياپەت – يېڭى سۇباتنى چۈشىنەمسىز؟
قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە تۇرمۇشىمىزدا تۇيدۇرماستىن غايەت زور ئۆزگېرىشلەر يۈز بەردى. ئېنتىرنېتنىڭ زادى نېمە ئېكەنلىكىنى تولۇق چۈشىنىپ يەتمەي تۇرۇپلا، ئۇ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. بولۇپمۇ ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستېلىرىنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى تۈرتىكىسىدە ئالاقە چەمبىرىكىمىزنىڭ دائىرىسى مۆلچەرلىگىسىز كېڭىيىپ، چەكسىز ئۇچۇر دۇنياسىدىن ئۆزىمىزگە لايىق بىر بوشلۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك مەزمۇن مەنبەسى تېپىش مۇھىم بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەنە شۇنداق ئىھتىياجلارنى چىقىش نوقتىسى، ئىنتېرنېت دۇنياسىدا تورداشلارغا سۈپەتلىك مەزمۇن تەمىنلەشنى ئاساسىي مەخسەت قىلغان- سۇبات مىدىياسى تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋەتلىشى ئارقىسىدا مەيدانغا كەلدى .
سۇبات مىدىياسى پەقەت ئەڭ نادىر مەزمۇنلارغا سەھنە ھازىرلاش ئۈچۈن يەڭ تۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىقتى!
ئۈندىدارنىڭ بارلىققا كېلىشى تور ئىستىمالچىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە شەكلىنى غايەت زور ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، ئۈندىدار سالۇنلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى ئۇلارنىڭ يېڭى – ئۇچۇرلارغا ئىرىشىش يوللىرىنىمۇ تامامەن ئۆزگەرتىۋەتتى. بارا – بارا ئۈندىدار سالۇنلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئۇچۇر مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالدى. لېكىن، نۇرغۇن سالۇنلارنىڭ كەسپىي بولماسلىقى، مەزمۇنغا بولغان تەلەپنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، سالۇن باشقۇرغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسى ۋە مۇددىئاسى ئوخشىماسلىق سەۋەبىدىن تور ئىستىمالچىلىرىنىڭ ئىھتىياجىنى تولۇق قاندۇرالماي كەلدى، ھەتتا بەزى تورداشلارنىڭ ئۈندىدار سالۇنلىرىغا بولغان كۆزقارىشى ئۆزگېرىپ، سەلبىي پوزىتسىيە شەكللىنىپ قالدى. بۇلارنى كۆرۈپ يەتكەن سۇباتلىقلار ئەڭ نادىر تور مەزمۇنلىرىنى كۆپ خىل مىدىيا ۋاستىلىرى ئارقىلىق كۆپ خىل شەكىلدە تەمىنلەشنى ئالىي نېشان قىلىپ،كەسپىيلەشكەن سۇبات ئۈندىدار سالۇنىنى قۇرۇپ چىقتى ۋە قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە تورداشلارنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ،مىللىي سالۇنلار ئىچىدە ئەزا سانى ئەڭ كۆپ سالۇنغا ئايلاندى. قوللاپ كەلگەن تورداشلارغا تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش ۋە كۆپخىل كەسىپلەرنى يولغا قويۇپ يۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، ئەسلىدىكى سۇبات سالۇنى ئاساسىدا «خاڭجۇ سۇبات تور – تېخنىكا چەكلىك شىركېتى » بولۇپ قۇرۇلدى. مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى تولۇق بىجۈرگەندىن كېيىن، سۇبات ئۆزىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى،مەزمۇن جەھەتتىكى سەرخىللىقى، قوشۇن جەھەتتىكى جانلىقلىقى بىلەن،تېخىمۇ يۈكسەك نېشاننى كۆزلەپ تىزلىكتە تەرەققىي قىلدى.
نۆۋەتتە سۇبات شىركېتى ئەزا سانى 800 مىڭدىن كۆپ بولغان ئەڭ چوڭ مىللىي ئۈندىدار سالۇنى - – سۇبات سالۇنى،ئىجادىي ناخشا - مۇزىكا ۋە ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى يوللاش، ئاڭلاش، سېتىۋىلىش مۇلازىمەتلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن Subat Fm ئەپ دېتالى، قىزىقارلىق ۋە ئەھمىيەتلىك تور ئويۇنلىرى سۇپىسى - سۇبات ئويۇن سالۇنى(سۇپىسى)، نادىر سۈرەتلەر ھەمبەھر سۇپىسى - سۇبات فوتۇ-سۈرەت سالۇنى، كىتاب، دەرسىلىك، پىلاستىنكا قاتارلىقلارنى سېتىۋىلىش مۇلازىمىتى تەمىنلەيدىغان سۇبات تور دۇكىنى ۋە ئۈندىداردا تېلىفۇنغا ئېقىم قاچىلاش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلەرنى يۈرۈشتۈرىۋاتقان، يېڭى تېخنىكا ۋاستىلىرىنى تۇرمۇشىمىزغا ئەكىرىش ئۈچۈن باش قاتۇرىۋاتقان ياش تېخنىكا شىركېتىگە ئايلاندى.
تېخنىك، لايىھەلىگۈچى، بازار ئاچقۇچى، مۇلازىم ۋە مەزمۇن يۈرۈشتۈرگۈچى قاتارلىقلار ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتقان 9 نەپەر ئاساسلىق خادىمدىن تۈزۈلگەن سۇبات قوشۇنىمىز شىركېتىمىزنىڭ بىر پۈتۈن فۇنكىسىيەسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى، پىلانلاش، ئېچىش ، ئەلالاشتۇرۇش؛ كۆرۈنمە يۈز، ئىلان – تەشۋىقات، ئوبراز لايىھەلىرىنى ئىشلەش؛ بازا ئېچىپ، ھەمكارلىق ئورنېتىش، مۇلازىمەت كېڭەيتىش؛ 24 سائەت ئابونىتلارغا مۇلازىمەت قىلىش؛ نادىر مەزمۇن – پروگراممىلارنى پىلانلاپ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق بىر يۈرۈش خىزمەتلەرنى سېستىملىق ئىشلەپ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ.
سۇبات قوشۇنىمىز ئاساسەن ئىچكىرى ئۆلىكىلەردىكى چوڭ شەھەرلەردە ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتقان ياشلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، يېڭىچە قاراش ۋە قىزغىنلىققا ، دېڭىز بويىدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئەندىزىلىرىدىن مۇئەييەن تەسىرات - يەكۈنلەرگە ئىگە. شىركېتىمىز قوشۇنىمىزدىكى مۇستەقىل خىزمەت تەجىربىسى مول ياشلارنىڭ تىرىشچانلىقىدا، توختىماي يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ يۈكسەك كەلگۈسى نېشانغا قاراپ كېتىۋاتىدۇ.
شىركەت مۇلازىمەتلىرىنى كېڭەيتىش، ھەمكارلىق ئىشلىرىنى قولايلىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېقىندا شىركېتىمىز ئۈرۈمچىنىڭ قايناق رايۇنى بولغان تەڭرىتاغ رايۇنىنىڭ بۇلاقبېشى كوچىسىغا جايلاشقان «يىپەك يولى ئۈنچە – مەرۋايىت شەھەرچىسى» دىن ئىشخانا تەسىس قىلىپ، سېستىمىلىق مۇلازىمەتنى يولغا قويدى.
يېقىندا يەنە سۇبات شىركېتىمىز Subat FM ئەپ دېتالىنىڭ Android/IOS ۋە تور كۆرگۈ نۇسخسىدىكى يېڭى نەشرىنى ئېلان قىلغاندىن سىرت، سۇبات ئويۇن سۇپىسىنى ئېچىۋىتىپ، تورداشلارغا نادىر تور ئويۇنلىرىنى تەمىن ئېتىشكە باشلىدى. شىركەت كەلگۈسى نېشانىنى يەنىمۇ كونكىرتلاشتۇرۇپ، قوشۇننى تېخىمۇ زورايتىپ، تېخنىكا، ئىقتىساد، مۇلازىمەت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مۇكەممەل بىر شىركەت بولۇپ يېتىلىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.
دىيارىمىزدىكى ناخشچىلارنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرىنى توردا سېتىپ چىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تۇنجى قېتىم داڭلىق ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ يېڭى پىلاستىنكىسىنى Subat FM ئەپ دېتالىمىزدا بازارغا سالدۇق ۋە ياخشى نەتىجىگە ئىرىشتۇق، كېيىن يەنە ئابلاجان ئاۋۇت، ئەلى قۇربان قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەسەرلىرىنى سۇبات ئەپ دېتالىمىزدا كەڭ ئابونىتلارنىڭ ئەرزان باھادا سېتىۋىلىپ ھوزۇرلىنىشىغا سۇندۇق. كۈيچى مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ نادىر ئەسەرلەرنى ئىشلىدۇق، «بەرنا كەلدى» بالىلار پروگراممىسىغا ھەمكارلىشىپ، نادىر پروگراممىلارنى پىلانلاپ، بىرلىكتە ئىشلىدۇق.
سۇبات شىركېتىمىز مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، سۇبات ئۈندىدار سالۇنىنى ئاساس قىلىپ، تەدىرجى ھالدا كومپىيۇتېر يانفۇنلاردا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئەپ دېتاللىرىمىزنى ئېلان قىلدۇق. ھەمدە ھەقلىق ئالىي ئەزالارنى تەسسىس قىلىپ، ھەقلىق ئەسەرلەرنى ئەرزان باھادا تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق. Subat FM دېتالىنى ئىشلىتىپ تەڭگە يىغىدىغان ۋە تەڭگىلەرنى نەق پۇلغا سۇندۇرۇپ، ھەقلىق ئەزا سېتىۋالىدىغان قىلدۇق.
سۇبات سالۇنىدا ئەرزان باھادا ئېقىم سېتىۋىلىش، SubatGame ئويۇن سۇپىسىدا ئويۇن ئويناپ ئېقىم مۇكاپاتىغا ئىرىشىدىغان مۇلازىمەتلىرىمىزنى يولغا قويدۇق.
Subat FM ئەپ دېتالى(IOS/Android)، شۇبات ئۈندىدار مەشغۇلات بېتىنى يېڭىلاپ، ئىقتىدارلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردۇق.