كونىلاردا: ياخشى مائارىپ ئوقۇتقۇچىدىنلا ئەمەس، ئاتا-ئانىدىنمۇ كېلىدۇ دېگەن گەپ بار.
ئاتا-ئانا بالىنىڭ بىرىنچى ئۇستازى، ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيىسى بالىنىڭ كەلگۈسىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۇنداقتا ئائىلە باشلىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز بالىلارغا قانداق تەربىيە بېرىشىمىز كېرەك؟ تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلارنى ئاتا-ئانىلارغا سۇندۇق.
01 ئاتا-ئانا تەربىيەسى بالىنىڭ ئۆمۈرلۈك تەربىيەسدۇر
ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيەسى بالىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك مىجەز-خاراكتېرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، تەربىيەلەش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاشماسلىقى بالىلارنىڭ ئىشلارغا تۇتقان تەپەككۇر پوزىتسىيەسى ۋە ئىش - ھەرىكەتىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
تۇرمۇشتا ئاكتىپ ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، پاسسىپ ئاتا-ئانىلار بولسا ئۈمىدسىز بالىلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ .
ئىلگىرى مۇنداق بىر ھېكايىنى كۆرگەنتىم
ئىككى جۈپ ئانا بالا ، بىر تىلەمچىنىڭ يولدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بالىسى ئانىسىدىن : ئاپا، ئۇ نېمىشقا بۇ يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرىدۇ؟ دەپ سوراپتۇ قىزىققىنچە ، كۆردىڭمۇ، -دېدى ئارىدىن بىر ئانا. ئەگەر سەن تىرىشىپ ئۆگەنمىسەڭ، كەلگۈسىدە ئۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ قالىسەن .
يەنە بىر ئانا بالىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ : كۆردىڭىزمۇ قىزىم سىز ياخشى ئۆگەنسىڭىزلا ، كەلگۈسىدە ئۇلارغا ياردەم قىلالايسىز، دەپ رېغبەتلەندۈرۈپتۇ.
بۇ ئىككى خىل تۈپتىن ئوخشىمايدىغان جاۋاب بېرىش ئۇسۇلى بالىلارغا ئوخشىمىغان تەسىر كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئاتا-ئانىنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەركىتى ئاستا-ئاستا بالىلارنىڭ ئىددىيسىگە سېڭىپ كېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىش - ھەركىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بىرىنچى ئانىنىڭ جاۋابى، ئۈمىدسىز، پاسسىپ پوزىتسىيە بىلەن بالىغا بىر سەلبى نەتىجىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، بالىغا ئالدى بىلەن بىر بەختسىز ئوبرازنى كۆرسىتىپ، بالىغا تېخىمۇ كۆپ ۋەھىمە ۋە قورقۇنچ ئېلىپ كېلىدۇ ، بالىدا كىچىكىدىن تارتىپ جەمئىيەتكە نىسبەتەن بىر خىل ۋەھىمە پەيدا بۇلۇپ ، بۇ دۇنيا قاراڭغۇلۇق ۋە ئازاپ ئۇقۇبەتكە تولغان ، توختىماي تېرىشمىساڭ باشقىلار تەرپىدىن مەغلۇب قىلنىسەن دېگەن ئۇقۇمنى پەيدا قىلىدۇ .
ئىككىنچى ئانا بولسا بالىنىڭ ياخشى تېرشىپ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بۇلۇپ ، قېيىنچىلىققا ئوچۇرغان كىشلەرگە ياردم قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ. بۇ كىچىكىدىن باشلاپ بالىلارنى باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ئۆگىنىتپ، بالىلارغا ئۆزى كۈچلۈك بولغاندىلا، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ياردەم قىلىپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ .
بالىلارنى باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ، مەسئۇلىيەتچان، مەجبۇرىيەتچان ئادەم بولۇشقا يېتەكلەشمىز كېرەك.
ناھايىتى ئېنىقكى، بىرىنچى ئانىغا قارىغاندا، ئىككىنچى ئانىنىڭ ئاكتىپ پوزىتسىيسى بالىنى ياخشى ئۆگىنىپ، تېخىمۇ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ مىساللار ئارقىلىق شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يىتىمىزىكى: ئاق - قارا، ياخشىلىق - يامانلىقنىڭ ھەممىسى ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ ئىش -ھەركەت ،گەپ - سۈزى ئارقىلىق سىڭدۈرگەن بۇلىدۇ . بالىلارنى ياخىشى تەربىيەلەشتە، ئاتا-ئانىلاردا چوقۇم ياخشى بولغان تەربىيەلەش ئۇسۇلى بولۇشى كېرەك. ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيەسى بالىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ياخشى تەربىيە تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بالىلارنى تەربىيەلەپ چىقالايدۇ.
02 بەزى چاغلاردا ئەيىپلەشكە قارىغاندا ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى يۇقۇرى بۇلىدۇ
ماكتۇۋىن مۇنداق دېگەن: بىر ئېغىز سەمىمىي ماختاش مېنى ئىككى ئاي ئارتۇق ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
دەرۋەقە، ماختاش ئادەمگە قارىتا ئىجابىي رول ئوينىشىدا شەك يوق، بالىلاردىمۇ ئوخشاشلا ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئەلى كىچىك چېغىدا ئىمتىھاندىن ئەڭ بەك قورقاتتى، ئىمتىھانغا ئاز قالغاندىلا كۆڭلى يېرىم بولۇپ، گەپ قىلىشنىمۇ خالىمايتتى. بىر قېتىملىق ئىمتىھاندا 59 نومۇر ئېلىپ، سىنىپ بويىچە ئەڭ ئاخىرى بۇلۇپتۇ ، ئەلى نەتىجە قەغىزىنى ئېلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىز ئەمدىلا سورىشىمىزغا، بىزنىڭ ئەيىبلىشىمىزدىن قورقۇپ، ئۆزى يىغلاپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ تۇرۇپ ،« ئوغلۇم، بۇ قېتىم ئىمتىھاندا ئەڭ ئاخىرىدا قالدىڭ، ئەمدى ھېچكىم سەندىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ، خۇددى تەنتەربىيە دەرسىگە ئوخشاش، گەرچە سەن ئەڭ ئاخىرىدا يۈگۈرسەڭمۇ، لېكىن توختېماي ئالدىڭغا يۈگۈرسەڭلا، چوقۇم ئالغا ئىلگىرلەيسەن» دېدىم. كېيىنكى قېتىم ئەلى ئىمتىھاندا 81 نومۇر ئالدى، مەن ئۇنىڭغا: « ئەلى بالام قارا ، سەن ئالدىنقى قېتىمقىدىن ئون نەچچە نومۇر ئىلگىرلىدىڭ ! » دېدىم، كېيىن سىناق ئىمتىھانىدا 95 نومۇر ئاپتۇ، مەن يەنە ئۇنىڭغا: « ئوغلۇم ، سەن ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەنسەن، بىرىنچىلىكتىن پەقەت بەش نۇمۇر كەم ئىكەنسەن، داۋاملىق غەيرەت قىل!» دېدىم شۇنىڭدىن كېيىن، ئەلى ئىمتىھاندىن قورقمايدىغان بولدى ، ھەر قېتىم ئىمتىھاندىن قايتىپ كېلىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشەنچىسى تۇلۇپ - تاشقان ھالدا بىز بىلەن ئىمتىھان ئەھۋالىنى ئورتاقلىشىدىغان بولدى . ئەمەلىيەتتە، ھەر قانداق بالا بىرىنچى بولۇشنى خالىمايدۇ ئەمەس، ھەر قانداق بالا ئىمتىھاننى ياخشى بېرىشنىمۇ ئويلىمايدۇ ئەمەس، ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى تەرىپىنى باشقىلارغا كۆرسەتكۈسى كېلىدۇ .
بالىنىڭ نەتىجىسى چۈشۈپ كەتسىلا تىللاپ ئەيىپلەيدىغان ئاتا-ئانىلار ناھايىتى كۆپ ، ھەر قېتىم تىللىغاندىن كېيىن، نەتىجىسى ياخشى بولمايلا قالماي، ئىمتىھان بەرگەنسېرى نەتىجىسى تېىخىمۇ چۈشۈپ كېتىدىغان بالىلارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.
بالا تىرىشقان بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى، بەدەل تۆلىمىدى دەپ ئەيىبلىمەسلىكى، ئەكسىچە بالىلارنى قۇچقىغا بېسىپ تۇرۇپ ، بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ قوللىشى، ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك، ھەر قېتىملىق رىغبەتلەندۈرۈش بالىلارنى بارغانسېرى ئالغا باستۇرىدۇ، ھە دېگەندىلا تىللىغانغا قارىغاندا، بەزىدە ئىلھاملاندۇرۇش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ. بالىنى ماختىغاندا، بالا تېخىمۇ قىيىن ۋەزىپىگە جەڭ ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ. بالا تەربىيەلەش ئويلىغاندەك ئۇنچە تەس ئەمەس، ياخشى ئۇسۇل ھەممىدىن مۇھىم.
03. ئوي-پىكىر چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىلمايدۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى كۆپ ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك
بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدا نۇرغۇن غەلىتە سۇئاللىرى بۇلىدۇ :
نېمە ئۈچۈن قىزلار يوپكا كىيىدۇ ، ئوغۇللار كەيمەيدۇ؟ مۇئەللىم نېمىشقا يەر شارىنى يۇمىلاق دەيدۇ؟ نېمىشقا چاسا ياكى قازان شەكىللىك ئەمەس؟ نېمە ئۈچۈن قۇياش مەڭگۈ شەرق تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈپ، غەرب تەرەپتىن چۈشىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن...
بالىنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى ئەڭ مول، بالا پىكىر قىلىشقا ماھىر بولسا ياخشى ئىش، بالىنىڭ تالانتى ئېتىراپ قىلىنسا، ئۇ تەپەككۇر قىلىشنى، بايقاشنى خالايدۇ، بۇ بالىلارنىڭ ئىجادچانلىقى ۋە تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى ناھايىتى ياخشى چېنىقتۇرىدۇ.
ئىككى جۈپ ئانا-بالا ھويلىدا ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى،
بالا: « مېنىڭ ئايغا سەكرەپ چىققۇم بار» دېدى.
«ياخشى ئۆگەنمەي، كۈن بويى قارىغۇلارچە ئويلاشنىلا بىلگەن، ››ـ دېدى ئارىدىن بىر ئانا.
يەنە بىر ئانا بالىسىنىڭ « يوقىلاڭ خىيال» غا سوغۇق سۇ سەپمەستىن: « بولىدۇ، بىراق چوقۇم قايتىپ كېلىشنى ئۇنتۇپ قالما! ›› ـ دېدى
30 يىلدىن كېيىن، بۇ بالا تۇنجى بولۇپ ئاي شارىغا چىققان ئادەم بولۇپ قالدى، ئۇ دەل ئامېرىكىلىق داڭلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى ئارمستروڭ ئىدى.
شۇڭا، ئاتا- ئانىنىڭ گەپ قىلىش ئۇسۇلى بالىنىڭ ئۈسۈپ يتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ناچار گەپ قىلىش ئۇسۇلى بالىغا بەلگىلىك زىيان يەتكۈزۈپ، بالىنىڭ ئوي- خىياللىرىنى توسىدۇ.
باللار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ئىچىدە سىز بىلەن ئۆزىنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرى ۋە ئويلىغانلىرىنى ئورتاقلاشقاندا، بالىنىڭ ساددىلىقىغا خالىغانچە سەل قارىماڭ، بالىنىڭ ئويى-پىكىرى چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىلمايدۇ، چوقۇم بالىغا ئىلھام بېرىپ، بالىنىڭ توغرا تاللاش، ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە تېرىشىمىز كېرەك. بالىنى سۆيۈش قەدىرلەشتە، ھەر بىر ئىنچىكە ئىش ، ھەر بىر جۈملە سۆزدىن باشلاشىمىز كېرەك.
04. قۇلاق سېلىشنى بىلگەندىلا، ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەنگىلى بۇلىدۇ
بالىلارنىڭ دۇنياسى گۈزەل ھەم ساددا بولىدۇ. چوڭلار بالىلارنىڭ دۇنياسىغا كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئويىنى چۈشىنىپ بېقىشى، بالىغا خالىغانچە پەرەز-گۇمان بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىقىمىز كېرەك.
ناھايىتى پاساھەتلىك بىر دىئالوگ بار ، ئىشىنىمەنكى سىز چوقۇم ئاڭلىغان:
بىر بالا ئىككى ئالمىنى كۆتۈرۈپ ئانىسى ئالدىغا كەپتۇ ، ئانا بالىدىن: « سىزنىڭ ئىككى ئالمىڭىز بار، ئاپىڭىزغا بىرنى بەرسىڭىز بولامدۇ؟ » دەپ سوراپتۇ. ــ بالا جاۋاب بەرمەي ، ئىككى ئالمىنى بىردىن چىشلىشىگە ئاپىسى ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا يەرگە قاراپ ئېغىر ئۇھ تارتتىپ ، ــ بالا قانداقمۇ بۇنداق شەخسىيەتچى بولسۇن دەپ ئويلاپتۇ ، ــ « ئاپا بۇنى يەڭ بۇ ھەممىدىن تاتلىق . » ئويلىمىغان يەردىن بالىسى ئەڭ تاتلىق ئالمىنى ئانىسىغا تەڭلەپتۇ .
ئالمىنىڭ تاتلىقىغا قارىغاندا، بالىنىڭ تاتلىقلىقى ئانىنىڭ قەلبىدە تېخىمۇ تاتلىق.
كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشنى ئۆگىنىش بىر سەنئەت، ھەرقانداق ۋاقىتتا بالىلار ئاتا-ئانىسىنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئەگەر سىز تېخى بالىنىڭ قەلبىدىكى ئويلارغا قۇلاق سېلىشنى بىلمىسىڭىز، ئولتۇرۇپ بالىلار بىلەن پىكىرلىشىشكە ئۇرۇنۇپ بېقىڭ، بۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىڭلارغا زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ، سىز بالىنىڭ مەڭگۈ سىزنى سۆيىدىغانلىقىنى، ئاتا-ئانىلارىنىڭ مەڭگۈ كۆيۈمچان ئۇماق قۇزىسى ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.
پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى ئۇسۇلدا تەربىيەلەشنى، ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك ئاتا – ئانا بولۇشنى، بالىلارنىڭ خۇشال – خۇرام، ئەركىن – ئازادە تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.