سالام دوسلار.
Houdini بولسا SideEffects شىركىتى ياسىغان كەسپىي ئالاھىدە ئۈنۈم ئىشلەش ۋە پروگرامما بىلەن 3 ئۆلچەملىك مودىل قۇرۇش (3D Procedural modeling) پروگراممىسى بولۇپ ئادەتتە كىنو-فىلىم، ئويۇن، ئالاھىدە ئۈنۈم ئىشلەش ۋە تەقلىد قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
شۇنىڭۋىلەن شۇنداق قىلىپ بىر كىچە Houdini بىلەن Unity نى قاچىلاپ، قاچىلانسا بىرسى بىرسىگە ئۇلانماي پۈتكۈل تور دۇنياسىدىن تېپىلمىغان بىر مەسىلىگە جاۋاب تاپتىم، ماڭا ئوخشاش تەقدىر قىسمەتكە يولۇققانلار ئۈچۈن تەجرىبە ھەمبەھىرلىگىلى كەلدىم.
Houdini نى قاچىلىدۇق.
Houdini نىمۇ قاچىلىدۇق.
Houdini engine for Unity نىمۇ قاچىلىدۇق، ئەمما Houdini غا ئۇلانمىدى.
Houdini engine for Unity نىڭ قىستۇرمىسىدىن خاتالىق چىققان قۇرنى تېپىپ كۆردۈم.
ما ئىنسانىيەت چاقچاق قىلمىسا بولۇردى، يوق دىگەن ھۆججەت بۇ ئەمەسما؟
دىمەك خاتالىق C++ دا يېزىلغان Shared library نى C# دا ئەكىرىپ ئىشلىتىشتە كېلىپ چىققان، شۇنىڭۋىلەن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى C++ دا يازغان پروگراممامنى C# قا ئەكىرىپ ئىشلەتكەن ۋاقىتلار كۆز ئالدىمدىن كەچتىدە تەجرىبەمگە ئاساسلىنىپ ئۆزۈمگە ئۇنداق ئەمەستۇ دەپلا قارىدىم:
دەرۋەقە راس شۇنداقكەن.
مەن ئىشلەتكەن Houdini بولسا ARM64 قۇرۇلمىلىق، Unity بولسا X64 قۇرۇلمىلىق سىپىيۇ نەشىرى ئىكەن، شۇنىڭۋىلەن X64 پروگراممىنىڭ ئىچىگە ARM64 نىڭ Shared library سىنى ئەكىرىۋالغان بولۇپ قاپتىمەن، قارىسام ئەسلى مەن قاچىلىغان Unity ئەسلى Intel نۇسقىسى ئىكەن ئەمەسمۇ...
يەنى بۇنى چۈشىنىشلىك قىلىپ دىسەك Houdini, Unity ئىككىلىسى ARM64 يەنى M ئۆزەك نۇسقىسى بولسۇن، ياكى ئىككىلىسى Intel نۇسقىسىنىڭ بولسۇن، ئەگەر بىردەك بولمىسا ئېنىقلا مەسىلە چىقىدۇ.
چۈنكى Unity editor نىڭ Process سى X64 بولغاچقا بارلىق Unity Editor نىڭ قىستۇرمىلىرىمۇ پەقەت X64 قۇرۇلمىلىق Shared library نى ئەكىرىشنى قوللايدۇ.
شۇنىڭۋىلەن Unity نى يۇيۇپ قايتا قاچىلاپ كېلەي.
بىر سائەتتىن كىيىن.
بىر تال دەرەخ ياساپ باقايلى:
Unity: