مەيلى ئالدى بەت پروگراممىسى بولسۇن ياكى نود قاتارلىق تىللاردا يېزىلغان مۇلازىمېتىر پروگراممىسى بولسۇن، پۈتۈپ بولغاندىن كىيىن ھۆججەتنى مۇلازىمتېرغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭدا كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللاردىن ftp ئارقىلىق مۇلازىمېتىرغا يوللاش، ۋە ياكى كودنى تولۇق بولاقلاپ باشقا ئۇسۇللار بىلەن بول مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بولغاندىن كىيىن يېشىش قاتارلىقلار.
بۈگۈن بىز ھەمبەھرلىمەكچى بولغان ئۇسۇل بولسا npm بۇيرۇقى ئارقىلىق بىر كونۇپكا بىلەنلا كۆرسىتىلگەن مۇندەرىجىنى مۇلازىمېتىرنىڭ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا كۆچۈرۈش.
ئەمەلىي ئىجىرا قىلىنىدىغان كود تۆۋەندېكىچە
rsync -avz --delete dist/ username@ip:/www/wwwroot/myweb//
rsync بولسا يىراق مۇساپىلىق ھۆججەت كۆچۈرۈش قورالى، ھۆججەت ياكى مۇندەرىجىنى كومپيۇتېردىن كومپيۇتېرغا كۆچۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ
a ھۆججەتنىڭ خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ، يەنى ھوقۇقى، ۋاقتى قاتارلىق
v كۆچۈرۈش جەريانى كۆرۈنۈپ تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ، يەنى نۆۋەتتە قايسى ھۆججەت كۆچۈرۈلىۋاتىدۇ
z ھۆججەتنى پرىسلاپ يوللاش، تور سۈرئېتى ئاستا ۋاقىتتا ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك
delete نىشان مۇندەرىجىدىكى ئەسلى مۇندەرىجىدە يوق ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈش
dist كۆچۈرمەكچى بولغان يەرلىك مۇندەرىجە، ئاخىرىدىكى يانتو سىزىق چۈشۈپ قالسا مۇشۇ مۇندەرىجىنى كۆچۈرىدۇ، يانتو سىزىق بار بولسا مۇندەرىجە ئىچىدىكى ھۆججەتنى كۆچۈرىدۇ
username@ip مۇلازىمېتىرنىڭ ئەزا نامى ۋە ئادرېسى
/www/wwwroot/myweb/ مۇلازىمېتىردىكى ھۆججەتنى قويىدىغان ئورۇن.
ئەگەر بىز vscode ياكى cursor قاتارلىقلاردا يېزىۋاتقان تۈر بولسا، package.json نىڭ ئىچىگە بىر قۇر كود قوشۇش ئارقىلىقلا npm بۇيرۇقى ئارقىلىقلا ۋەزىپىنى تاماملايمىز، مەسىلەن
"scripts": {
"deploy": "rsync -avz --delete dist/ root@ip:/www/wwwroot/myweb//",
},
بۇنى قوشۇپ بولغاندىن كىيىن تېرمىنالدا npm run deploy دەپ ئىجىرا قىلساقلا مۇلازىمىتېرنىڭ مەخپىي نومۇرىنى سورايدۇ، كىرگۈزۈپ بەرسەكلا ھۆججەتلەر يوللىنىشقا باشلايدۇ، تامام.