R-Drive Image - ئالاھىدە ئۈنۈملۈك پۈتۈن دىسكا سايىلاش زاپاسلاش قورالى
ئادەتتە پۈتۈن قاتتىق دىسكىنى ياكى مەلۇم قاتتىق دىسكا رايونىنى سايىلاپ ساقلاش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر دائىم ئىشلىتىدىغان قورالدىن Symantec شىركىتىنىڭ Ghost يۇمشاق دېتالىنى بىلىشى مۇمكىن.
بۇ يۇمشاق دېتال كىچىك، يېنىك، پىرېسلاش ئۈنۈمى يۇقىرى دېگەندەك نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ، يەنىلا خېلى كۆپ كەمچىلىكلىرى بار. مەسىلەن Linux ھۆججەت سىستېمىسىنى زاپاسلىيالمايدۇ، پۈتۈن دىسكىنى سايىلىغاندا يوشۇرۇن ئۇچۇرلۇق سېكتورلارنى ئوقۇيالمايدۇ ياكى ئالالمايدۇ، Apple ھۆججەت سىستېمىسى بىلەن سىغىشالمايدۇ قاتارلىقلار.
مەن تونۇشتۇرغان بۇ قورال كەم-كۇتىسىز دېيىشكە بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەرقانداق ساقلىغۇچنى ئەينەن سايىلاپ ئالايدۇ ۋە ئەينەن ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.