I'm researching about develop wechat mini apps using flutter with same codebase of android/iOS
توردا باشقىلار قىلغان mpflutter نى كۆرۈپ باقتىم، دەرىجىدىن تاشقىرى ئاستا.
يەنە كېلىپ ھازىر بار بولغان كودلىرىمىز ۋىيشىنغا سىغىشمايدىكەن.
دىمەكچى بولغىنىم گەرچە ئىسمى flutter دىگەن بىلەن ئەمما android/ios ئۈچۈن يازغان flutter ئەپ بىۋاسىتە چاپمايدىكەن،
ئاخشام كىچىككىنە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ باقتىم،
پەيزى يېرى ھازىر ئەپچاق webGL 1.0 specification نى قوللايدىكەن، Web assembly بىلەن قوشۇلۇپ flutter for web دىكى canvaskit (skia for browser)
چاپتۇرۇشقا مۇمكىنچىلىك بار،
canvaskit chromium نۇسقىسىدىكى سىغىمى تەخمىنەن 4.9 مىگابايىت چىقتى، ئۇنى gzip قا پىرىسلىغاندىن كىيىن 1.9 مىگابايىت، brotli دا پىرىسلىغاندىن كىيىن 1.4 مىگابايىت، ۋىيشىن ئەپچاقنىڭ single package نىڭ 2 مىگابايىتتىن ئاشسا بولمايدۇ دىگەن تەلىپىگە ۋەششىي تەسلىكتە دەل چۈشۈپ قالدى,
ئەمما ئەپچاق brotli بىلەنلا پىرىسلاشنى قوللايدۇ، gzip نى قوللىمايدۇ، ئەگەردە تەقدىرنىڭ چاقى تەتۈر چۆگىلەپ brotli دا پىرىسلىسام سىغىمى 2 مىگابايىت چىقىپ قالسىلا بۇ مۇمكىنچىلىك پارغا ئايلىنىدۇ،
(ئەمما باياتىن brotli دا -q 11 ھالەتتە پىرىسلاپ chromium نۇسقىدىكى canvaskit.wasm ھۆججەتنىڭ سىغىمى 1.4 مىگابايىت چىقتى،)
دىمەك تەقدىرنىڭ چاقى بىر قىتىم ئوڭ چۆگىلىدى!
بۇنىڭغا 80 پىرسەنىت بولىدىغىنىغا ئىشەنچىم بار،
بۇ باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتسەم (ئۆتۈپ بولدۇم)
canvaskit نىڭ كودىنى ئۆزگەرتىپ ياكى يالغاندىن dom emulation layer ياساپ camvaskit
نى ئەپچاقتا چاپتۇرۇپ سىناپ باقىمەن، چېپىپلا قالسا دىمەك كىيىنكى نىشان:
flutter for web نى ئەپچاقتا بىۋاسىتە چاپتۇرۇش،
WebGL بىلەن رىندىرلىغاچقا سۈرئەت ھەتتا ئەپچاقنىڭ ئۆزىدىنمۇ سىلىق، راھەت چىقىشى مۇمكىن،
ئەڭ قالتىس يېرى android, ios تە ئىجرا بولغان ئەپنى ئازراق ئۆزگەرتىش قىلىپ web دا چاپتۇرۋالساقلا ئەپچاقتىمۇ چاپىدىغان بولىدۇ، ئايرىم ئايرىم قانداقتۇر ئەپچاق، ئەپ ئىككى قىتىم ئىككى خىل پروگرامما يېزىشتىن ساقلىنالايمىز،
قولىشىپ قالسا
Android, ios, windows, macos, Linux, web, wechat mini apps
ھەممىسىنى بىر قىتىم يازىمىز.
ئەلۋەتتە بۇ قاملاشقاندىن كىيىن navigation system ئەپچاق بىلەن سىغىشمايدۇ، (چۈنكى تىڭشۈننىڭ ھەممىنى كونتىرول قىلىۋېلىشقا بولغان كۈچلۈك ھەۋىسى تۈپەيلى ئەپچاقتا كەينىگە قايتىش كونۇپكىسىنى باسقاندىكى ھادىسىنى بىزنىڭ ئىشلىتىشىمىزگە تاپشۇرۇپ بەرمەيدۇ، شۇڭا بۇ يەردە flutter دىكى Navigation system نى ئەپچاققا ماسلاشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئەمما بۇنى گولداپ ئالداپ ئازراق ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ، كۆڭلۈمدە سان بار، مۇكەممەل بولمىسىمۇ بولمىغاندىن ياخشى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟)
قىزىقىدىغانلار بولسا بىللە تەتقىق قىللى، ئىدىيەلەر بولسا ئورتاقلىشايلى،
Sponsor بولىمە دەيدىغانلارنىمۇ ۋەششىي قارشالىتىم😁