Q: كۆپ خىل سۇپىلارغا ماسلاشتۇرۇلغان يۇمشاق دېتاللارنى ئېچېشتا كۈرۈنمە يۈزىنى ئاساسەن بىر خىل قىلىپ لايھىلەپ چىقىدىكەن ، بۇنىڭدا ھەرخىل سۇپىلارغا ئايرىم ئايرىم كۈرۈنمە يۈز لايھىلەپ چىقىش زۈرۈرمۇ ياكى ئوخشاش بولىشى زۆرۈرمۇ؟
A: چوڭ شىركەتلەرنىڭ لاھىيەلىرىدە (Google, Microsoft, Meta/Facebook ...) بىر يوشۇرۇن مەدىنىيەت مەۋجۇت،
مەسىلەن گۇگۇل، مىكروسوفىتلارنىڭ iOS ۋە macOS نۇسقىسىدىكى يۇمشاق دېتاللىرى iOS, macOS نىڭ ئۇسلۇبىغا ھۆرمەت قىلغان ۋە شۇ ئۇسلۇبنى ئىشلەتكەن، گۇگۇل iOS نۇسقىسىدىكى ئەپلىرىدە مەجبۇرىي Material design نى ئىشلەتمىگەن، Microsoft office نىڭ Mac نۇسقىسىغا قارىساقمۇ Mac نۇسقىسىدىكى ئۆزىنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى مەجبۇرىي ۋىندوۋسنىڭ ئۇسلۇبىغا كىرگۈزىۋالمىغان، پەقەت ئۆزىنىڭ Fluent design لاھىيەسىنى ئاددىيلا ھالدا ساقلاپ قالغان، ئەمما ئىشلەتكەندە ئادەمگە يەنىلا macOS كە نىسبەتەن يات، ئوخشىمايدىغان تۇيغۇنى بەرمىگەن، مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىمدا بۇ خىل ھۆرمەت قىلىش ئۇسلۇبىنى ياقتۇرىمەن،
مەسىلەن سىز ئويلاپ بېقىڭ، سىز بىر iOS ئىشلەتكۈچى بولسڭىز سىزنىڭ سىستېمىڭىزدىكى بارلىق ئەپلەرنىڭ ئۇسلۇبلىرى iOS نىڭ ئۆزىنىڭ، ئەمما پەقەت بىرلا ئەپنىڭ ئىشلەتكەندىكى تەسراتى پۈتۈنلاي Android ھالىتىدە تۇيغۇ بەرسە قانداق ھىس قىلىشىڭىز مۇمكىن؟
بۇ يەردىكى مەسىلە پەقەت كۆرۈنمە يۈزنىڭ قانداق رەڭدە بولۇش مەسىلىسىلا ئەمەس، ئېيتايلۇق، iOS دە ئىلگىرى پەقەت بىر تاللا Home كونۇپكىسى بار ئىدى، iPhone غا نىسبەتەن ئىكراننىڭ سول تەرەپ بۇرجىكىدىكى چىكىنىش كونۇپكىسى بار ئىدى، ئەمما ھازىرقى پۈتۈن ئىكرانلىق ئۈسكۈنىلىرىدە بىز بىر بەتنى چىكىندۈرۈش مەشغۇلاتىنى پەقەت ئىكراننىڭ سول تەرىپىدىن ئوڭ تەرەپكە سىيرىش ئارقىلىق تاماملايمىز، ئەمما Android دا ئىلگىرى 3 دانە فىزىكىلىق كونۇپكا بار ئىدى، كىيىن ئىكراندا كۆرۈنىدىغان مەۋھۇم كونۇپكىغا ئۆزگەردى، ھازىر بولسا پۈتۈن ئىكرانلىق تېلېفونلاردا ئىكراننى ئوڭ ياكى سول تەرەپتىن سىيرىيدىغان ھالەتكە كەلدى،
ئەزەلدىن iOS ئىشلىتىۋاتقان بىر ئادەمگە مەجبۇرىي Android نىڭ ياكى Android ئىشلىتىۋاتقان بىر ئادەمگە مەجبۇرىي iOS نىڭ مەشغۇلات ئۇسلۇبىنى زورلاپ تېڭىشنىڭ ئورنى يوق دەپ قارايمەن،
مەسىلەن سىز كۈندە Wndows, Linux ئىشلەتكۈچىسى بولسڭىز Ctrl + C ئارقىلىق كۆچۈرۈش مەشغۇلاتىنى تاماملايسىز، ئەمما macOS ئىشلەتكۈچسى بولسىڭىزچۇ؟ جاۋابى Command + C، قارىماققا بىز ئاز پەرىقلىنىدۇ، ئەمما macOS دىكى Command كونۇپكىسى Windows دىكى Windows كونۇپكىسىغا توغرا كېلىدۇ،
يەنە كېلىپ بەزى مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ خاس بولغان بەزى ئالاھىدىلىكلىرىدىن چوقۇم ياخشى پايدىلىنىشمۇ مۇھىم، مەسىلەن iOS نىڭ Dynamic island, Home screen widgets، تىترەش ماتورى، FaceID سالاھىيەت پەرىقلەندۈرۈپ پارولسىز ھوقوق بېرىش، iWatch, Airpods قاتارلىق ئەقلىي سائەت ۋە تىڭشىغۇچلار بىلەن بىرىكتۈرۈش، بىئولوگىيەلىك بارماق ئىزى پەرىقلەندۈرۈپلا پارولسىز ھوقوق بېرىش... دىگەندەك،
بۇ يەردە ئۈسكۈنىلەر سەرخىل، ھەر خىل رازمىردىكى ئىكران، ھەر خىل خاسلىقلىرى بولغان مەشغۇلات سىستېمىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش كىرەك، بارلىق ئەپلەردە بىر خىل ئۇسلۇبنى ساقلىسا بولىدۇ، ئەمما چوقۇم خاس ئىقتىدارىدىنمۇ ياخشى پايدىلىنىش كىرەك،
Q: سۇپا ھالقىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى لاھىيەلىگەندە قانداق نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كىرەك؟
A:
- بىز چوقۇم مەشغۇلات سىستېمىلىرى ۋە ئۈسكۈنىلەر ئارىسىدىكى پەرىقنى ئايدىڭ قىلىۋېلىشىمىز كىرەك
مەسىلەن ھەر خىل ئوخشىمىغان رازمىردىكى ئىكران، ئوخشىمىغان قاتتىق دېتال بايلىقى ۋە ئىقتىدار موللۇقى دىگەندەك،
مەسىلەن ئىكران، تېلېفوننىڭ ئىكرانى تار ئەمما سوزۇنچاق، كومپىيۇتېر، تاختا كومپىيۇتېرلارنىڭ ئەكىسچە كەڭ، ئەمما قىسقا، شۇڭا كۆرۈنمە يۈز لاھىيەلىگەندە مۇشۇ نۇقتىغا نىسبەتەن ئەلالاشتۇرۇش ناھايتىمۇ مۇھىم،
بۇنداق كۆرۈنمە يۈزگە نىسبەتنى بىرلىك قىلماسلىق كىرەك، پەقەت ناھايتى ناچار لاھىيەلەردىلا كۆرۈنمە يۈزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى نىسبەتنى بىرلىك قىلىدۇ، (مەسىلەن ئىكراننىڭ 30 پىرسەنىت يېرىدا مۇنداق مەزمۇن، يەنە 40 پىرسەنىت يېرىدە يەنە بىر مەزمۇن كۆۈنسۇن... دىگەندەك مۇقىم يېزىۋېتىدىغان لاھىيەلەر)، مەسىلەن تېلېفونىڭىزدا گورىزونتال (يانتۇ) ھالەتتە 3 دانە مەزمۇن تىزىلسا مۇۋاپىق دەپ قارالسا ئەمما كومپىيۇتېردىچۇ؟ ئۇ چاغدا سىز مۇشۇ 3 تال مەزمۇننى ناھايتىمۇ چوڭ قىلىپ ناھايتىمۇ چوڭايتىپ كۆرسىتىپلا بېرەمسىز؟ ئوھ نو... بۇنى ماسلىشىش دىمەيمىز، سىزنىڭ ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزى سوزۇلۇپ بۇزۇلىدۇ،
شۇڭا قىسقارتىپلا دەي:
- ئىكراننىڭ چوڭ كىچىكلىكى، كەڭلىك ۋە ئىگىزلىك نىسبىتى قاتارلىق مۇشۇ ئىككى ئامىل بەك مۇھىم،
- كۆچمە ئۈسكۈنىلەر سىزىمچان ئىكران بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا قولايلىق، ئەمما كومپىيۇتېر بولسا مائۇس ۋە كونۇپكا تاختىسى بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا قولايلىق، يەنە كېلىپ كومپىيۇتېر بىرلا ۋاقىتتا كۆپ كۆزنەكنى قوللايدۇ، ئەمما كۆچمە ئۈسكۈنە بولسا ئاساسەن بىرلا، (ئەمما پەد لەر ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن.) سىز ئىكراننىڭ رازمىرىنى ئويلاشقاندىن سىرت بۇ نۇقتىمۇ ناھايتى مۇھىم،
- شەخسىيەتچى تېخنىكىلاردىن نىرى تۇرۇڭ
بۇ يەردە Firefox, chrome, Vivaldi, vs code دىگەنلەرنى مىسال قىلساق Firefox نىڭ ئۆزىنىڭ مەخسۇس مۇستەقىل سۇپا ھالقىغان گىرافىك ماتورى بار(cairo)
Chrome ئۇ ئوخشاش، ئۇنىڭ Skia graphic engine سى بار،
بۇنىڭدا مەن بىر سىزىق سىزماقچى بولسام تۆۋەن قاتلام مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن Gpu, Cpu دىگەنلەرنى ئويلاشمايمەن،
بىر يازغان كودۇم ماۋۇ گىرافىك ماتورلىرى تەرىپىدىن ئاشۇ مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ،
ئەگەر مەن بۇنداق گىرافىك ماتورى ئىشلەتمىسەم ئىكرانغا بىر چەمبەر سىزىش ئۈچۈن Linux دا OpenGL windows دا DirectX macOS دە metal ئارقىلىق ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق سىزىشىم كىرەك،
يەنە ئەگەر GPU ئارقىلىق سىزىپ چىقىش ئىمكانىيىتىم بولمىسا (Hardware accelerated rendering) بۇنى CPU بىلەن Bitmap شەكىلدە رەسىم قىلىپ سىزىپ چىقىشىم كىرەك (Software rendering)
Vs code نى مىسال قىلىش بۇ پەقەت بىر تور كۆرگۈچ ئۈستىگە قۇرۇلغان پروگرامما خالاس،
ئەمدى شۇ قائىدە بويىچە بولغاندا يۇمشاق دېتال كۆرۈنمە يۈزىگە سۇپا ھالقىش ئىھتىياجى بولسا ئامال بار شەخسىيەتچى تېخنىكىلارنى ئىشلەتمەسلىك كىرەك، (پروگرامما تىلى ۋە api لارنى)
مەسىلەن
- windows win32
- macOS uiKit
دىگەندەك،
ئۇنىڭدىن يۇقارقىدەك تۆۋەن قاتلام گىرافىك مەشغۇلاتىغا Skia, Cairo دىگەندەك، كۆرۈنمە يۈز رامكىسىغا WebKit, cef, gtk, QT, wxWidgets دىگەندەك سۇپا ھالقىغان مۇمكىن بولسا ھەم ئوچۇق كودلۇق قۇراللارنى ئىشلىتىش كىرەك، بۇنداق بولغاندا سىز بىرەر مەسىلىگە يولۇقسىڭىز ناھايتى ئاسانلا ھەل قىلالايسىز،
مەسىلەن كۆرۈنمە يۈز ئاساسى ئورۇننى ئىگىلىگەن كۆچمە ئۈسكۈنە + ئۈستەليۈزى ئەپلىرىنى ئېچىشتا:
- Web based technologies، مەسىلەن Electron, Cordova, NativeScript, ReactNative
- Flutter/Dart (تەۋسىيە)
- Qt quick
- Skia, Cairo, Vulkan/OpenGL based custom UI toolkit
قاتارلىقلارنى ئويلىشىپ بېقىشقا بولىدۇ، ئەلۋەتتە پروگراممىنىڭ خارەكتىرىمۇ مۇھىم،
ھەرگىزمۇ پەقەتلا پەقەت windows دىلا ئىشلەتكىلى بولدىغان win32 ئۈچۈن ۋاقىت ۋە زىھنىڭىزنى سەرىپ قىلماڭ (ئەگەردە پەۋقۇلادە مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن بەك زىچ نەرسە بولمىسىلا.)
Q: يەنىچۇ؟
A: ھەركەتلىك ئۈنۈم: Animation ئىنتايىن مۇھىم، پەۋقۇلادە مۇھىم،
ئىشلىتىش تەسراتىنىڭ 90 پىرسەنىتكە يېقىن قىسمى ھەركەتلىك ئۈنۈمدىن كېلىدۇ، ھەركەتلىك ئۈنۈم بىلەن بەزى ئىپادىلەش ناھايتىمۇ قىيىن بولغان لوگىكىلەرنى ئاسانلا ھەم چىرايلىق ھالدا ھەل قىلىۋەتكىلى بولىدۇ،
مەسىلەن بەت ئالماشقاندا بىرىنچى بەتتىكى بىر رەسىم بىرىنچى بەتتىن ئاجراپ ئىككىنچى بەتتىكى باشقا بىر ئورۇنغا ئۇچۇپ بېرىپ ئورۇنلاشسىچۇ؟ سىز ناھايتى كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىپ ئىشلەتكۈچىگە ئىككى بەتتىكى ئاشۇ نەرسىنىڭ ئەسلىدە بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشىڭىز ھاجەتسىز،
بىر مەزمۇننى باسقاندىن كىيىن كىيىنكى بەت مۇشۇ مەزمۇننىڭ ئىچىدىن يىرىلىپ چوڭىيىپ چىقسىچۇ؟ كەينىگە قايتقاندا بولسا ئېچىلغان مەزمۇن تەتۈرسىگە كىچىكلەپ كەينىگە قايتىپ بىرىنچى بەتتىكى چەككەن نەرسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتسىچۇ؟
سىز ئەمدى يەنە كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىپ ئىشلەتكۈچىگە ئاشۇ ئىككىنچى بەتتىكى مەزمۇننىڭ بىرىنچى بەتتىكى چەككەن نەرسىنىڭ ئىچىدىن چىققانلىقىنى چۈشەندۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،
iOS, macOS نىڭ نېمىشقا شۇنچىۋالا راھەت ئىكەنلىكىنى سىز ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇلار ھەتتا كىچىككىنە سائىتىدىمۇ ھەركەت ئۈنۈملىرىنى شۇنچىلىك گۈزەل ئىشلىتىدۇ،
ئەمەلىيەتتە iOS بىلەن Android نىڭ ئىقتىدار تەرەپتە ئالاھىدە چوڭ پەرقى يوق، ئىقتىداردا بىر-بىرى بىلەن تەڭلىشەلەيدۇ، ئەمما تەڭلىشەلمەيدىغىنى iOS نىڭ ئىشلىتىش تەسراتى ھەقىقەتەن راھەت، چۈنكى iOS نىڭ ھەممىلا يېرىدا شۇنچىلىك ئىنچىكە تەڭشىلىپ ماسلاشتۇرۇلغان سىلىق ھەم راھەت ھەركەت ئۈنۈملىرى بار، (Animation)
ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئوي پىكىرى ۋە گۈزەللىك كۆز قارىشىمۇ ئوخشىمايدۇ، شۇڭا بۇ يەردە مۇتلەق توغرا ۋە خاتا دەيدىغان ئۇقۇم ئەسلىدىنلا مەۋجۇت ئەمەس، شۇنىڭدەك يۇقارقىلار پەقەت مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،
End of article.