مۇلازىمىتىر: Aliyun
سىستېما : CentOS 7.2
سەپلىمىسى: 2C8G (قوش يادرولۇق مەركىزىي بىرتەرەپ قىلغۇچ، 8G ئىچكىي ساقلىغۇچ)
بۇ تېمىدا مەن ھازىر بىرقەدەر مودا بولغان ۋە قۇلايلىق 宝塔面板 ئارقىلىق توربەت يۈرگۈزۈش مۇھىتى قاچىلاشنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچى. تۆۋەندە «باۋتا» دەپ ئېلىۋەدىم، كىرگۈزگۈچنى تولا ئالماشتۇرۇش قۇلايسىز ئىكەن.😄
مۇلازىمىتىر باردۇ؟
ئەلۋەتتە ئاۋال بىزدە مۇلازىمىتىر بولىشى كىرەك(بۇ بىر قۇرۇق گەپ)، سىزدە Linux سىستېمىسى قاچىلانغان مۇلازىمىتىر بولسا ئىككىنچى قەدەمگە ئاتلاڭ، ئەگەر بولمىسا 阿里云, 腾讯云, Azure قاتارلىق بۇلۇت سۇپۇلىرىدىن بىر مۇلازىمىتىر سېتىۋېلىڭ. ئۆگىنىش مەزگىلىدە ئەڭ تۆۋەن 1C2G سەپلىمىلىك بولسىلا بولىۋىرىدۇ.
مۇلازىمىتىرغا ئۇلاش
VNC ئارقىلىق ئۇلاش
مۇلازىمىتىېر تەمىنلىگەن بۇلۇت سۇپىسىدىن VNC远程连接 نى بېسىپلا بىۋاسىتە تور مۇھىتىدا مۇلازىمىتىرغا ئۇلىغىلى بولىدۇ، بۇ ئىنتايىن قولايلىق لىكىن دائىم ئۇلاپ مەشخۇلات قىلىدىغانلار ئۈچۈن يەنىلا ssh تېخىمۇ قۇلايلىق. مەندەك باۋتانى قاچىلىۋېلىپلا ئىككىنجى ئۇلىمايدىغانلار ئۈچۈن بۇ ئەڭ ئاسان ئۇسۇل.
[图片]
SSH ئارقىلىق ئۇلاش
خالىغان بىر ssh دىتالى ياكى VNC ئارقىلق مۇلازىمىتىرغا ئۇلايمىز. ssh دىتاللىرى ئىنتايىن كۆپ، مەسىلەن مەن ئىشلەتكەن FinalShell ياكى ئۇنىڭدىن باشقا Putty, Xshell قاتارلىقلار.
مۇلازىمىتىرنىڭ ip ئادرىسى، پورت نومۇرى(端口号)، ئەزالىق نامى ۋە شېفىرنى كىرگۈزۈپ مۇلازىمىتىرغا ئۇلايمىز.
[图片]
[图片]
[图片]
بۇندىن كېيىن دىتالنى ئېچىپلا قوش چەكلەك ئۇلىنىدۇ، دائىم ئۇلايدىغانلار ئۈچۈن ئىنتايىن قولايلىق.
باۋتا قاچىلاش
تۆۋەندىكى قاچىلاش بۇيرۇقىنى بەرسەك مۇلازىمىتىرغا باۋتا ۋە ئۇنىڭغا كېتەرلىك بارلىق دىتاللارنى ئۈتۈنلەي ئاپتوماتىك قاچىلايدۇ.
yum install -y wget && wget -O install.sh http://download.bt.cn/install/install_6.0.sh && sh install.sh ed8484bec
ئامال بار شۇلانىڭ ئورگان تورى bt.cn دىن ئەڭ يېڭى بۇيرۇقنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىڭ
قاچىلاش تاماملانغاندا ئىكراندا باۋتا باشقۇرۇش بېتىنىڭ كىرىش توربەت ئادرىسى، ئەزالىق نامى ۋە شېفىرى كۆرىنىدۇ. بۇنى چوقۇم ياخشى ساقلىۋېلىش ھەم باشقىلاردىن مەخپىي تۇتۇش لازىم. بۇندىن كېيىن دائىم مۇشۇ ئارقىلىق مۇلازىمىتېرنى باشقۇرىمىز.
[图片]
باۋتا 8888 نومۇرلۇق پورتنى ئىشلىتىدۇ، لىكىن Aliyun قاتارلىق بۇلۇت ھېسابلاش سۇپىسى سۈكۈت ھالەتتە 8888نومۇرلۇق پورتنى تاقاپ قويغان بولىدۇ، شۇڭا بىز تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە ئۇنى ئېچىۋىتىشىمىز لازىم.
[图片]
[图片]
[图片]
ئەمدى باۋتا چىقىرىپ بەرگەن باشقۇرۇش توربەت ئادرىسىنى ئېچىپ، كۆرسىتىپ بەرگەن ئەزا نامى ۋە شىفىرى ئارقىلىق كىرسىڭىز سۆيۈملۈك باۋتانىڭ جامالىنى كۆرىسىز.
[图片]
يۈرگۈزۈش مۇھىتىنى بىر كونۇپكا ئارقىلىق قاچىلايمىز
باۋتانىڭ يۇمشاق دېتال بازىرىغا كىرسىڭىز Nginx, MySQL, PHP, Java قاتارلىق دىتاللارنى بىر كونۇپكا ئارقىلىقلا قاچىلىيالايسىز. قانداق يۈرگۈزۈش مۇھىتى لازىم بولسا، شۇنى قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.
[图片]
تور بىكەت قۇرۇش
[图片]
تامام