مەنمۇ قەشقەرنىڭ نۇپۇسى ئەڭ كۆپ ناھىيەسىدىن،بىزنىڭ يۇرتتا نۇپۇس كۆپ لىكىن كىشى بىشىغىا توغرا كىلىدىغان تىرىلغۇ كۆلىمى ئاز،كۆپىنچى دىھقانلارنىڭ يىرى1 مودىن 10 موغىچە تەخمىنەن مۇشۇ كۆلەمدە،لىكىن بۇنچىلىك كۆلەمدىكى تىرىلغۇ يەرگە تايىنىپ ھاللىق سەۋىيەگە يىتىش ئاسا ئەمەس،شۇڭلاشقا ھازىر يەرلەرنى كۆتىرەگە بىرىش تەشەبۇس قىلنىۋاتىدۇ،يەنى دىمەكچى بىر ئادەمنىڭ ئاران 6 مو يىرى بار،ئىشچان ،جاپاغا چىدايدۇ،يەر تېرىشقا ئىپى بار،لىكىن بىر يىلدا 6 مو يەردىن چىققان پايدىنى چىقىمدىن ئايرىۋەتكەندە قولىدا قالىدىغىنى ساناقلىقلا،شۇڭلاشقا مۇشۇنداق كىشىلەرنى ھۆكۈمەت باشقىلارنىڭ يىرىنى ئىجارىگە ئىلىپ تېرىشكە رىغبەتلەندۈرۋاتىدۇ، باشقىلارنىڭ ئازكۆلەمدىكى تىرىلغۇ يىرىنى ئىجارىگە ئىلىپ ،ئازبولغاندا 50 مو دىگەندەك يەرنى بىريەرگە يىغپ ئىلمى تىرىقچىلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلۋاتىدۇ،مىنىڭچىمۇ بۇ كەلگۈسىدىكى يىزا -ئىگىلىك ئۇسۇلىنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى.
دىھقانلاردا ساقلىنۋاتقان مەسىلىلەر
قارغۇلارچە ئوغۇتلاش
كۆپىنچە دىھقانلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن،يەرنىڭ نىمگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ،ئىلمى ئوغۇتلاش ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس،« ئىككى خالتا ئاق ئوغۇت ، بىر خالتا ئەرئەن (بىر خىل قارا رەڭلىك فوسفورلۇق ئوغۇت)» ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئوغۇتلاش ئۇسۇلى،يەردىن ئەۋرىشكە ئىلىپ ئىلمىنىت نىسبىتىگە قارىتا ئوغۇتلاش ئىلىپ بارىدىغان ئىشلار يوق،بۇنداق ئىشلارنى ھەربىر دىھقانغا ئۆگۈتۈپ بولۇش بۇ مۇمكىن ئەمەس،بۇنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى بىر يىزىغا بىردىن تىخنىكا يىتەكچىسى بىكىتىپ ئىتتىزلىقا بىرىپ ئىلمى ئۆلچەش ئىلىپ بىرىش،دىقانلارغا قانداق ئوغۇتنى قانچىلىك مىقداردا ئىشلىتىشنى ئىيتىپ بىرىش.
قارغۇلارچە زىرائەت تېرىش
قانداق يەرنىڭ قانداق زىرائەت تىرشنى بىلمەسلىك،قۇملۇق يەر،شورلۇق يەر،مۇنبەت يەر ،ھەرخىل زىرائەتنىڭ تىرغىلغۇ يەرگە بولغان ئىھتىياجى ئوخشىمايدۇ،قۇملۇق يەرگە شال تېرىسا ئىنىقلا زىيان چىىقىدۇ،بۇنىڭ ھال قىلىش ئۇسۇلى قانداق زىرائەتنىڭ قانداق تۇپراققا تىخىىمۇ ماس كىلىدىغانلىقىنى دىھقانلارغا چۈشۈنۈشلۈك قايىل قىلارلىق ئۇسۇلدا چۈشەندۈرۈش.
قارغۇلارچە دىھقانچىلىك دورىسىنى ئىشلىتىش
دىھقانلار دىھقانچىلىك دورىسىنى سىتۋىىلىشتا نۇرغۇنلىغان مەسىللەر مەۋجۇت،مەسلەن بۇغدايغا زىيانداش ھاشارەت چۈشكەن بولسا،دىھقانچىلىك دورىسى ساتىدىغان دۇككانغا بىرىپ ئۆزىنىڭ دورا ئالماقچى بولغىنى ئىيتىدۇ،لىكىنى يىرىگە قانداق تۈردىكى ھاشارات چۈشكەنلىكىنى ئىيتىپ بىرەلمەيدۇ،دۇككاندىن ئالغان دورىنى ئەكىلىپ زىرائەتكە چاچقاندىن كىيىن،زىيانداش ھاشارەت ئۆلۈش بۇياقتا قالسۇن،زىرائەتكە دورا ئەكىس تەسىر قىلىپ زىرائەت قۇرۇپ قالىدىغان ئىشلار ئۇچرايدۇ،مەسلەن چاچقان ئۆت-چۆپ ئۆلتۈرپ دورىسى زىرائەتنىمۇ تەڭ ئۆلتۈرپ قويىدىغان ئىشلار ئاز ئەمەس.بۇنىىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇل دىھقانچىلىك دورىسىنى ساتىدىغان دۇككاندا تەجىربىىلىك بىر ئادەم بولۇشىى،ئۆزى ئىتىز بىشىغا بىرىپ كۆزىتىپ ئاندىن ئىشلىتىشكە تىگىشلىك دورىنى دىھقانلارغا سىتىپ بىرىش.
بازار ئىھتىياجىنى چۈشەنمەسلىك
مەھسۇلۇتنىڭ باھاسى ئۆزگىرىشگە دىھقەت قىلماسلىق، ئەينى يىللىرى يۇرتىمىزدا گۈل چاي(قان بىسىمنى چۈرۈشكە پايدىلىق بىر خىل ئۆسۈملۈك چاي) دەيدىغان بىرخىىل چاينىڭ بەك بازىرى چىكەتكەن،ئاشۇ بىر يىلدا گۈل چايغا تايىنىپ بىريىلدىلا باي بوپ كەتكەن ئاەملەر جىق ئىدى،ھەم كىشىلەر بەك ھەۋەس قىلىشقان ئىكىنىچى يىلى گۈل چاي تېرىش قىزغىنلىقى كۆتۈرلۈپ كەتكەن،لىكىن ئىككىنچى يىلدا ھىچكىم پايدا ئالالمىدى،ھەتتا مىليون مىليون مەبلەخ سىلىپ ئاخىردا ئىغىر زىيان تارتىپ ئۆزنى ئۆلتۈرۋالغانلارمۇ بولغان،نۇرغۇن دىقانلار سىتىپ چىقىرالماي ئاچچىغىدا ئىتىزلىقىدىكى گۈل چايغا ئوت قويۋەتكەن ئەھۋاللار بار،گۈل چاي باشتا پۇل چايغا ئاخىردا كۈل چايغا ئايلانغان،چۈنكى بىرىنچى يىلنىسى بازارنىڭ گۈل چايغا بولغان ئىھتىياجى تويۇنۇپ بولغان،ئىككىنىچى يىلنىسى گۈل چاي ئالىدىغان ئادەم چىقمىغان،بۇنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى بازارنىڭ مەھسۇلات ئىھتىياجىنى،باھا كۆرسەتكۈچىنى ئانالىز قىلىپ دىھقانلاغا ئەڭ ئىشەنچىلىك،پايدىلىق ئۇچۇرنى تەمىنلەيدىغان ئادەم بولۇش،بازار ئىھتىياجىغا قاراپ ئىش تۇتۇش.
نۇقۇل ھالەتتە زىرائەت تېرىشقا تايىنىلىش
بىزنىڭ يۇرتتا ئەڭ كۆپ تېرىلىدىغان زىرائەت بولسا بۇغداي،قوناق، كېۋەز .بىر ئىكى يۈز مو يىرى بارئادەمگە نىسبەتەن بۇنىڭ پايدىسى كۆرۈنەرلىك،لىكىن تۆت بەش مو يىرى بار دىھقانغا نىسبەتەن پايدىسى كۆرۈنەرلىك ئەمەس،نۇرغۇن بازىرى ئىتىك مىۋىلەر بار مەسلەن گىلاس،توغاچ .....دىگەندەك نۇرغۇن مىۋىلەر بار،كۆچەت تىكىپ ئىككى ئۈچ يىلدا مىۋىغا كىرىدۇ،ئىلمى باشقۇرۇپ بەرسىلار بىر يىلدىلا سالغان چىقىملىرى ھەممىسى قايتىدۇ،لىكىن پايدىسى قانچا يۇقىرى بولسا پەرۋىش قىلىش تەلىپى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.بۇنىڭ ھال قىلىش ئۇسۇلى چوقۇم ئىلىمى پەرۋىش يىتەكچىسى بولۇش،دىھقانلارغا قانداق پەرۋىش قىلىشنى كۆتۈلمگەن ئەھۋالغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ھەل قىلىشنى ئۆگىتىش كىرەك.
يەكۈن
ئادەم كۈچى تەنەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن بارلىق باسقۇچلارنى ئاپتوماتلاشتۇۇرۇش